ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ قانداق كىيىنىشىنى ياقتۇرىدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خدۇابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-27 17:55

 

شۇنچە كۆپ كىيىملىرىڭىز ئارىسىدا قايسىسىنىڭ جەزبىدارلىقىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان ، قايسىسىنىڭ سىزنى تېخىمۇ ياش ، تېتىك ، قايسىسىنىڭ سالاپەتلىك كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىشىگە دىققەت قىلىدۇ ، بولۇپمۇ سۇرۇنلارغا بارغاندا قانداق كىيىنىش مەسلىسى ئاياللارنىڭلا ئەمەس ، ئەرلەرنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدۇ ، چۈنكى ھەر قانداق ئەر ئايالىنىڭ چاكىنا كىيىنىۋېلىشى تۈپەيلىدىن ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىنى خالىمايدۇ .

بەزى ئەرلەر:‹‹ ئايال كىشى چىرايلىق بولسا ، قانداقلا كىيىم كىيسە يارىشىۋېرىدۇ›› دەپ قارايدۇ ، لېكىن كۆپىنچە ئەرلەرنىڭ قارىشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ .

ئەرلەر ئايالىنىڭ ھەر ۋاقىت جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ جەزبىدار تۇرقىنى باشقىلارغا ، ئاددىي (كۆرۈمسىز) ھالىتىنى ئۆزىگە كۆرسىتىشىدىن نارازى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇمۇ ئاجرىشىشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن .

زىيادە ئوچۇق، تار كىيىم كىيگەن ئايال ئېرىگە چاكىنا تەسىر بېرىپ قويىدۇ . بەزى ئاياللار تېخىمۇ ياش ، ئوماق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ، يېشىغا ماس كەلمىگەن كىيىملەرنى كىيىۋالىدۇ . ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى تۇرقى ئېرىگە ئوماق كۆرۈنمەستىن ، ئەكىسچە تېتىقسىز تەسىر بېرىدۇ .
سورۇنغا قاراپ كىيىنەلەيدىغان ئاياللار ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئەڭ جەلپكار ئايال ھېسابلىنىدۇ.

ئاياللار:‹‹ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيسە ، گۈزەللىكنى تېخىمۇ نامايەن قىلغىلى بولىدۇ›› دەپ قارايدۇ ، لېكىن بەزى ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىۋېلىشىنى ياقتۇرمايدۇ .

قىسقىسى، ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدىكى جەلپكار ئايال بولاي دېسىڭىز، سورۇنغا قاراپ كىيىنىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ ، شۇ چاغدىكى تۇرقىڭىز بەلكىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ ئابرويىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن .