سول قۇلاق مۇھەببەت سۆزلىرىگە سەزگۈر ئىكەن
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-02-27 17:59

 

ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، ئوڭ قۇلاق سول مېڭە تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىكەن. سول مېڭە گەپ–سۆز ۋە لوگىكىلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە مەسئۇل بولىدىكەن، شۇڭا ئوڭ قۇلاق ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇر ئاسانلا باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولالايدىكەن.

ئىتالىيە ئالىملىرىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، كىشىلەر ئۆتۈنمەكچى بولغان ئىشلىرىنى باشقىلارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا ئېيتسا، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. ئەكسىچە، سول قۇلاق شېرىن سۆزلەرگە سەزگۈر ئىكەن. شۇڭا قىز–يىگىتلەر مۇھەببەتلەشكەندە ‹‹سىزنى سۆيىمەن›› دېگەندەك شېرىن–شېكەر سۆزلىرىنى سول قۇلىقىغا پىچىرلاشسا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.