ساداقەتلىك بولۇش ئالىي پەزىلەتدۇر
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-23 18:28

بۈگۈنكى دەۋر بىلىم ئىگىلىكى ۋە ئۇچۇر دەۋرى. ھازىر نۇرغۇن كارخانا خوجايىنلىرى ئىقتىدارنى خىزمەتچى قوبۇل قىلىشقا قارىتىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىۋاتىدۇ. گەرچە ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بولسىمۇ، بىراق ساداقەت شۇ كىشىنىڭ ئىقتىدارىنى نۇرلاندۇرىدۇ.
ئامېرىكىلىق پىسخولوگ روبېرت راخىم مۇنداق دەيدۇ: ئەقىل – پاراسەت بىلەن ساداقەت ئالدىدا، خوجايىنلار مەڭگۈ ساداقەتنى تاللايدۇ.

كەسپىي ئەخلاقى كۈچلۈك ھەر قانداق كىشى ھەم ئىقتىدارلىق، ھەم ساداقەتمەن كىشىلەردۇر. ئۇلار ھەر قانداق ئىشتا ئىشنى كوللېكتىپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلايدۇ، كوللېكتىپنىڭ ئوبرازىنى قوغدايدۇ، رەھبەرلىكنىڭ تەنقىدىنى سەۋىرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى توقۇنىشىپ قالغاندا، كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىدۇ.

ئىقتىسادنىڭ بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تىجارەتنى جانلاندۇرۇشتا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. ساداقەتمەن كىشىلەر كارخانىنىڭ بىر خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كارخانىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە كېتىپ قالماي خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىغا سادىق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن كارخانا خوجايىننىڭ غەم – قايغۇسىغا ئورتاق بولۇپ، خوجايىنغا چارە – تەدبىر ۋە ئەقىل – پاراسەت كۆرسىتىپ، كارخانىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا كۈچ چىقىرىدۇ.

نۆۋەتتە، ئىدارە ۋە كارخانىلاردا ئىقتىدارلىق ئادەملەر كەمچىل ئەمەس، ساداقەتمەن ئادەملەر كەمچىل بولۇۋاتىدۇ. كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنىڭ جانلىنىشى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ساداقىتىدىن ئايرىلالمايدۇ ھەم ئىقتىدارلىق، ھەم ساداقەتمەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرلا كارخانىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ ھەم ئۆز خىزمىتىدە زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. شۇڭا كارخانا خىزمەتچىلىرى ئۆزىنىڭ تەقدىرى بىلەن كارخانىنىڭ تەقدىرىنى بىر – بىرىگە باغلاپ، ساداقەتمەنلىكنى ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش نىشانى قىلىپ، كەسىپكە ھۆرمەت قىلىش ۋە كەسىپكە سادىق بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ھەم ئىقتىدارلىق، ھەم ساداقەتمەن كىشىلەردىن بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.