بالىڭىز ھۇجرىسىنى تاقىۋالامدۇ؟
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-23 18:29

 ئاتا – ئانىلارنىڭ ‹‹بالىلارنى باشقۇرماق نېمانداق تەسلىشىپ كەتتى؟ بالىمىزنىڭ يېشى چوڭايغانچە، ئۇنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتىمىزغۇ؟›› دېگەندەك قاقشاشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ ئاساسلىقى، ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقىلا دىققەت قىلىپ، پىسخىك ئېھتىياجلىرىغا سەل قارىغانلىقى، ئۇلارغا تەربىيە بېرىشتە ‹‹بۇيرۇق قىلىش››قىلا تايىنىۋېلىپ، ‹‹يۈز تۇرا ئولتۇرۇپ، يۈرەك سۆزىنى تىڭشاش››قا سەل قارىغانلىقى، پەرزەنتلىرى بىلەن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى بىلمەيۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

بەزى ئاتا – ئانىلار ئارىسال ۋاقىتلىرىدا پەرزەنتىگە تەربىيە بېرىشكە كۈچەپ كېتىدۇ، ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە پەرزەنتىنىڭ ھېچ ئىشى بىلەن كارى بولمايدۇ. بەزىدە قىزغىن، بەزىدە ئىلمان بۇنداق پوزىتسىيە پەرزەنتلەرنى جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن چارچىتىپ قويىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇلار پەرزەنتى بىلەن كۈندە ئۇچرىشىپ تۇرسىمۇ، لېكىن پەرزەنتىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن خەۋەرسىز ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن پەرزەنت مەكتەپتىن كېلىپلا، ئىشىكنى تاقاپ ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە پەرزەنتنىڭ ‹‹مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، سىلەر بىلەن پاراڭلاشقۇم يوق›› دېگەنلىكىدۇر.

پەرزەنتلەر نېمىشقا ھۇجرىسىنى تاقىۋالىدۇ؟ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، بۇنى ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىدە ‹‹ئەخلاقنىڭ باھالىغۇچىسى››، ئاغزى بېسىلمايدىغان ‹‹ۋەزخان››، ھەممە گېپى توغرا ‹‹تەۋسىيەچى›› ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئاتا – ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى بويسۇندۇرۇش، قايىل قىلىش، ھەيۋە قىلىش ھەم تىزگىنلەشلا مەقسەت قىلىنغان بۇنداق ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشلاردا ئاتا – ئانىلار پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قېلىپ، پەرزەنتىنى ئىچكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشتىن توسۇپ قويىدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەر ‹‹ئاتا – ئانام مېنىڭ ھېسسىياتىم بىلەن ھېسابلاشمايدۇ›› دەپ ئويلايدۇ – دە، ھېچ نەرسە دېمەيدۇ، يا ئۆزىنى ئاقلاپ تۇرۇۋالىدۇ.

بىر دوختۇر تولۇقسىز 3 – يىللىقتا ئوقۇيدىغان قىزىنىڭ مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كېتىپ، شەنبە – يەكشەنبە، ھېيت – بايراملاردا ئۇچرىشىشقا چىقىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى سېزىپ قاپتۇ. ئۇ بىر مەزگىل كۆزەتكەندىن كېيىن، بىر كۈنى قىزىغا ئەگىشىپ، ئوغۇل دوستى بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن ئالمىلىق باغقا بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپتۇ. لېكىن ئۇلارنى ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق گەپ قىلماي، بالىلار بىلەن تاغدىن – باغدىن پاراڭلىشىپ، ئاخىرىدا گەپنىڭ تېمىسىنى باغدىكى ئالما دەرەخلىرىگە يۆتكەپتۇ.

ــ قاراڭلار بالىلىرىم، دەپتۇ -دوختۇر ئاتا، -ئاۋۇ ئالما دەرىخى تازا چوڭىيىپ، قۇرامىغا يېتىپتۇ. شۇڭا، ئۇ ھەم كۆپ، ھەم سەرخىل مېۋە بېرىپتۇ. ئاۋۇ كىچىككىنە ئالما دەرىخىنى كۆردۈڭلارمۇ؟ ئۇمۇ مېۋىلەپتۇ، لېكىن مېۋىلىرى ئۇششاق ھەم كۆپكۆك تۇرىدۇ. دەل – دەرەخلەرنىڭ مۇشۇنداق يېتىلىش مەزگىلى بولىدۇ، قانچە يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ، قايسى پەسىلدە چېچەكلەپ، قايسى پەسىلدە مېۋە بېرىدۇ، ھەممىسىنىڭ قانۇنىيىتى بولىدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدىمۇ مۇشۇنداق پەسىللەر بولىدۇ، قايسى پەسىلدە تۇرۇۋاتقان بولسا، شۇ پەسىلدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىشى كېرەك، بالدۇر قىلسىمۇ، كېچىكتۈرۈپ قويسىمۇ بولمايدۇ.

بۇ ئاتا شۇنچىلىكلا سۆزلەپتۇ، لېكىن ئىككى بالا ئاتىنىڭ سۆزلىرىدىكى ھېكمەتنى چۈشىنىپ، ئۇنى كاللىسىغا چىڭ ئورنىتىپتۇ.

رېئال تۇرمۇشتا، پەرزەنتلەرنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئىمكانىيەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئۇلاردا پىسخىك توقۇنۇش، ئېھتىياجى بىلەن نىشانى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پىسخىك بېسىم، بېسىم بىلەن تۈرتكە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت پىسخىك قارشىلىق پەيدا قىلىدۇ. بۇنداق زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلىشىپ كەتسە، ياشلار، ئۆسمۈرلەردە ئاسانلا پىسخىك توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. بىلىش لازىمكى، ھەر قانچە ياخشى مەكتەپمۇ ياخشى ئاتا – ئانىغا يەتمەيدۇ، پەرزەنتىنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش، ئۆگىنىشكە يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا ئەدەپ – ئەخلاق ئۆگىتىش ئاتا – ئانىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى. ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلەرنى بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە، ساۋاقداشلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلىشى لازىم. پەرزەنتلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئوي – خىياللىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇشى، تۈگۈنلەرنى يېشىپ، پەرزەنتىدىكى چۈشەنمەسلىك ۋە قارشىلىشىش ئېڭىنى تۈگىتىشى لازىم.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، قۇلاق سېلىش ھەم قوبۇل قىلىش تەربىيە – تەنبىھكە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ ئىجابىي ھەم تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، چۈنكى چۈشىنىش ھەم قوبۇل قىلىش پەرزەنتلەرگە ئۆزىنىڭ مۇھىملىقى، قەدىر – قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. بۇنداق تۇيغۇنى ھېس قىلالىغان پەرزەنتلەر ئۆزىنى ئۆزگەرتىدىغان كۈچ – قۇۋۋەتكە ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ ئالغا باسالايدۇ. 