ئوقۇغۇچىلارغا مىننەتدارلىق تەربىيەسى بېرىش زۆرۈر
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-23 18:30

مىننەتدارلىق تەربىيەسى ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئۇ ئاتا – ئانىلارغا، چوڭلارغا، ئۇستازلارغا، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلەرگە بولغان مىننەتدارلىقتىن تارتىپ ئەڭ كىچىكى ئەتراپىدىكى ئاددىي كىشىلەر ۋە ئۇششاق ئىشلارغىچە بولغان مىننەتدارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئادەتتە مىننەتدارلىق تەربىيەسى ياخشى بېرىلگەن مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار روھلۇق، تىرىشچان، جۇشقۇن بولىدۇ، مىننەتدارلىق تەربىيەسى ئاجىز مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىزامى چۇۋالچاق، نەتىجىسى تۆۋەن بولىدۇ، ئەخلاقىي مەسىلىلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچىلار مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى ھەر ۋاقىت ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ئادەتلەندۈرۈشى، بۇ ئارقىلىق ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىشى لازىم.

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئالاقىدار كونكرېت پاكىتلارنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا بۈگۈنكىدەك بەختىيار تۇرمۇشنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق تونۇتۇپ، نېمە ئۈچۈن ئوقۇش، كىم ئۈچۈن ئوقۇش، قانداق ئوقۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشى، كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى ئالىيجاناب غايە ۋە توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشى لازىم. شۇنداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كومپارتىيەگە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتقىلى، ئۇلاردا كىچىكىدىن تارتىپ كومپارتىيەنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقىشقا ئىرادە باغلايدىغان ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى، ياخشى پۇرسەتلەرنى ئېتىبارسىز قاراپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارغا، بىر – بىرىگە ھەر ۋاقىت مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى لازىم.

مىننەتدارلىق بىر خىل ساغلام روھ، يۈكسەك كىشىلىك ئەخلاق، شۇنداقلا بىر خىل ئاقىلانە تاللاش. ئوقۇتقۇچىلار بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئاددىي، ئەمما مەنىسى چوڭقۇر بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى، مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خۇشال – خۇرام، قىزغىن ۋە جۇشقۇن بولىدىغانلىقى، ئەكسىچە مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مەنىسىز ئۆتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشى؛ زۆرۈر تېپىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنى مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرىغا ياردەملىشىپ تازىلىق قىلىشقا تەشكىللەش، دالا سەيلىسى قىلدۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش، ئائىلىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇشتەك ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئاددىي، ئەمەلىي ئۇسۇللىرىنى، پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەشكە ئۇيۇشتۇرۇشى لازىم.