بېشىڭىز ئاغرىسا كۆز بېسىمىڭىزنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-13 16:28

كۆپىنچە كىشىدە جىددىي خىزمەت، ئۆگىنىش ياكى كومپىيۇتېردا ئۇزاق مەشغۇلات قىلغاندىن كېيىن كۆز چىڭقىلىپ، باش ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئالامەت ئۇزاققا سوزۇلسا يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇتەخەسسىسى كۇڭ نىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: كۆپىنچە كىشى كۆز بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە باش ئاغرىش، كۆڭۈل ئاينىش قاتارلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كۆزنى ئارام ئالدۇرۇشقا دىققەت قىلغاندىلا بۇ ئالامەتلەر تۈگەيدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆز بېسىمى ئارتىپ كېتىشنىڭ ئەڭ يامان ئاقىۋىتى گىلاۋكوما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش بولۇپ، بۇ خىل كېسەللىكنى ۋاقتىدا بايقاپ داۋالاتمىغاندا، ئەما بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئادەتتە، گىلاۋكوما كېسەللىكىدە باشنىڭ يېرىمى قادىلىپ ئاغرىش، قان تومۇرلار قىسقىراش خاراكتېرلىك نورمالسىزلىقلاردىن باشقا ئالامەتلەر بولمىغاچقا، ۋاقتىدا بايقاش تەس. شۇڭا كۆز تالىدىغان، چىڭقىلىدىغان بۇنىڭغا يانداش باش ئاغرىقى قوشۇلسا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ.