بېغىشنى ئايلاندۇرۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-07 09:22

1. قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىلەكنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، بېغىشنى سولغا 36، ئوڭغا 36نى ئايلاندۇرۇپ بەرگەندە، قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.

2. قولنى ئىسسىتىدۇ. قول مۇزلىغاندا بەدەننى ئەركىن تۇتۇپ، بېغىشنى ئاستا ئايلاندۇرۇپ بەرسە قول ئىسسىيدۇ.

3. ئاغرىق پەسەيتىدۇ. ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرگەندە بىلەك ئاسان ئاغرىيدۇ. بۇ چاغدا قولنى تۈز سوزۇپ، بېغىشنى ئاستا ئايلاندۇرسا، ئاغرىق پەسىيىدۇ.