لى يەنخوڭ: شوپۇرسىز ئاپتوموبىل كەلگۈسىدە تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-16 17:25

بۇرۇن شوپۇرسىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ 5-ئايلانما يولىدا يۈرۈپ نۇرغۇن ئەيىبلەشكە دۇچ كەلگەن بەيدۇ شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لى يەنخوڭ بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شەنشى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۈنئىي ئىدراك توغرىسىدا بىر مەيدان مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇ لېكسىيەنىڭ بېشىدىلا مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدە شوپۇرسىز ماشىنىلار چوقۇم شوپۇر ھەيدىگەن ماشىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ. نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مەن 5-ئايلانما يولدا شوپۇرسىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يول يۈردۈم، بۇ ئىشىم كۆپلىگەن تالاش تارتىشلارنى پەيدا قىلدى. ماشىنىسازلىق كەسپى ئېلىمىز GDPسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ئىنتايىن زور كەسىپ، شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىنىڭ تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، چوقۇم ئىنسانلار ھەيدەيدىغان ماشىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ».

بەشىنچى ئىيۇل كۈنى بەيدۇ شىركىتى سۈنئىي ئىدراك (AI) پىروگراممېرلار يىغىنى ئاچتى، لى يەنخوڭ بەيدۇ شىركىتى بىلەن بوشى شىركىتى ھەمكارلىشىپ ياسىغان، Apollo تېخنىكىسى قوللىنىلغان بىر دانە شوپۇرسىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، يىغىن مەيدانىغا يېتىپ بارغان. يىغىن مەيدانىغا بېرىش يولىدىكى 5-ئايلانما يولدا لى يەنخۇڭ ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز ماشىنىغا ئولتۇرۇپ يول يۈرۈش جەريانىدىكى ۋىدىئونى ھەمبەھىرلەيدۇ ۋە تەسىراتىنى كۆپچىلىككە بايان قىلىدۇ: «ھازىر يولدا ماشىنىلار ئىنتايىن كۆپ، ئەمما ماشىنىنىڭ يول يۈرۈشى ناھايىتى مۇقىم، ماشىنىنىڭ ئالدىدا بىر ئېكران بار بولۇپ، شوپۇرسىز ماشىنىنىڭ ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىش ئەھۋالىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ، بىز ئولتۇرغان ماشىنا ھازىر شوپۇرسىز ھالەتتە يول يۈرمەكتە، مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن ئازادە ۋە خۇشال ھېس قىلماقتىمەن».

لى يەنخوڭنىڭ بۇ ئىشى كېيىن بېيجىڭ قاتناش ساقچى تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ھەمدە 6-ئىيۇل كۈنى ئۇلار مىكرو بىلوگدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ: «شوپۇرسىز ھەيدەش تېخنىكىسىنى قوللايمىز، ئەمما بۇمۇ قانۇن بويىچە بىخەتەر، ئىلمىي ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز».

جۇڭگودا ھەر كۈنى قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك 500 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا لى يەنخۇڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھادىسىلەردىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولىدۇ. مەلۇم بىر مەزگىلدىن كېيىن، شوپۇرسىز ھەيدىلىدىغان ماشىنىلار ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان چاغدا، ماشىنىغا ئولتۇرغان كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، مەيلى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارايلى ياكى جەمىيەت نۇقتىسىدىن قارايلى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور».