جۇڭگو ياۋروپالىقلارنىڭ قەلبىدىكى بىرىنچى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:27

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى Pew تەتقىقات مەركىزىنىڭ 38 دۆلەتتىكى 42 مىڭغا يېقىن زىيارەت قىلىنغۇچىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە 12 دۆلەت جۇڭگو ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دۇنيادىكى بىرىنچى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى دەپ قارىغان، سانى ئالدىنقى قېتىمقى تەكشۈرۈشتىكى ئالتىدىن بىر ھەسسە كۆپەيگەن.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، كانادا، رۇسىيە ۋە كۆپ قىسىم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارىغان.

Pew ئۆتكەن قېتىم 2014-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە تەكشۈرگەن، ئەينى چاغدا پەقەتلا ئالتە دۆلەت جۇڭگونى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن بۇيان ئەھۋالدا چوڭ ئۆزگىرىش بولغان، ئەڭ ھەيران قالارلىقى ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئۆزگىرىش: كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيەنىڭ كۆز قارىشى ئۆزگىرىپ، جوڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى دەپ قارىغان.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدا تەكشۈرۈلگەن كۆپلىگەن دۆلەت ياپونىيە، كورېيە، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە، ۋېيتنام ۋە ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ياكى شېرىكى بولۇپ، ھەممىسى يەنىلا ئامېرىكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارىغان. پەقەت ئاۋستىرالىيەلا جۇڭگونى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە دەپ قارىغان.

Pew: «ئامېرىكا ۋە باشقا باي غەرب دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇپ ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جۇڭگو، ھىندىستان ۋە باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەردىن ئاستىراق» دېدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ يەر شارىلىشىشنى تارايتىش سىياسىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى تۆۋەنلەتكەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %74 زىيارەت قىلىنغۇچى تىرامپقا ئىشەنچىسى يوقلۇقى ياكى ئاساسەن ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن. %49 زىيارەت قىلىنغۇچى ئامېرىكىغا قىزىقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ ئالدىنقى قېتىمقى تەكشۈرۈشتىكى %64دىن زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.