ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىدىن سوغۇق شامال چىقمىسا...
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:29

ئادەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىگە ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بىر قېتىم سوۋۇتۇش ئاگېنتى قوشۇلىدۇ، بەزى ئاپتوموبىللارغا يىلدا بىر قېتىم قوشۇلىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ بېشى قاتىدۇ. ئۇنداقتا سوۋۇتۇش ئاگېنتى نېمىشقا ئازىيىپ كېتىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئاپتوموبىلدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ ناھايىتى ھىم ئېتىلگەن بولسىمۇ، سوۋۇتۇش ئاگېنتىنىڭ خورىشىدىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تۇرۇبا يولى ياكى كوندېنساتورىدا كۆرۈنمەيدىغان يوچۇقلار بار، سوۋۇتۇش ئاگېنتى دەل مۇشۇ يوچۇقلاردىن ئېقىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىدە كاشىلا كۆرۈلسە، سوۋۇتۇش ئاگېنتى تولۇقلانغاندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يەنە تەكرارلانسا، ئۇنداقتا چوقۇم دىققەت قىلماي بولمايدۇ. ئادەتتە بۇنداق ئەھۋالدا كوندېنساتوردىن مەسىلە چىقسا، ئۇنداقتا كوندېنساتورنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

سوۋۇتۇش ئاگېنتى ئېقىشنى تەكشۈرۈشكە ۋاقىت كېتىدۇ، ئەمما فىتور كاربونلۇق مايغا فلۇئورېسسېنسىيە رېئاكتىۋىنى قوشۇپ، مەخسۇس كۆزەينەك بىلەن تەكشۈرسە، ئېقىش نۇقتىسىنى ئاسانراق تاپقىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر خىل ئۇسۇل نىسبەتەن ئاددىي، يەنى ئېقىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، ئوتتۇرا تور ئارقىلىق كوندېنساتورنىڭ تاشقى يۈزىدىكى ماينىڭ نەملىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئادەتتە بۇنداق ئەھۋال ئۇيۇلدۇرغۇچتا ئېقىش ئەھۋالى مەۋجۇت بولمىسا يۈز بەرمەيدۇ.