يەر تەۋرىگەندە ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئاددىي ئۇسۇللىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-09 16:57

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى سىچۇەن ئۆلكىسى جيۇجەيگۇدا 7.0 بال يەر تەۋرەپ، قىسقىغىنە 5 سائەت ئىچىدە قالدۇق يەر تەۋرەش سانى 282 قېتىمغا يەتكەن. بۈگۈن يەنى 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جىڭ ناھىيەسىدە ئۈرۈمچى ۋاقتى 05:27 دە، 6.6 بال يەر تەۋرىگەن. كۈچلۈك يەر تەۋرەش سېزىمى شىمالىي شىنجاڭدىلا ئەمەس ھەتتا بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭمۇ ھەرقايسى شەھەر ناھىيەلىرىگىچە تەسىر قىلغان.

يەر تەۋرەش بال سانى يۇقىرى بولغاندا ئۇ بىر يوقىتىش كۈچى زور تەبىئىي ئاپەت ھېسابلىنىدۇ. يەر تەۋرىگەندە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ھەم ئائىلىسىدىكىلەرنى ئۈنۈملۈك قوغداپ قېلىشى ئۈچۈن مەزكۇر يازمىنى تەييارلىدۇق

1. ئەگەر ھويلا ئۆيدە بولغىنىمىزدا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ قالسا، دەرھال كارىۋات، ئۈستەل ياكى ئىشكاپنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ، يوتقان-كۆرپە قاتارلىق يۇمشاق نەرسىلەر ئارقىلىق بېشىمىزنى قوغداپ تۇرۇپ، يەر تەۋرەش توختىغان ھامان، بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىشىمىز كېرەك. يەر تەۋرەۋاتقاندا ئەگەر ئۆگزە ئۆرۈلۈپ چۈشسە، مۆكۈنىۋالغان كارىۋات ياكى ئۈستەل ئاستىدىن ھەرگىز مىدىرلىماسلىق كېرەك، يەر تەۋرەش توختىغىچە ساقلاش ياكى قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش زۆرۈر.

2. ئەگەر بىنا ئۆيدە بولغىنىمىزدە يەر تەۋرەپ قالسا، بىنادىن قېچىپ چىقىشنى ئويلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ۋاقىت ھەرگىز يار بەرمەيدۇ. ئەڭ بىخەتەر، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل: ئۆگزىنى تىرەپ تۇرىدىغان ئىككى تام ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئۆيگە كىرىۋېلىش، مەسىلەن ھاجەتخانا، ئاشخانا دېگەندەك. ئۈستەل، ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋېلىپ ياكى ئۆينىڭ ئىچى تەرىپىدىكى تامنىڭ بۇلۇڭىغا بېرىۋېلىپ بېشىنى قوغداپ تۇرسىمۇ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ بالكون ياكى دېرىزە تۈۋىگە بېرىۋالماسلىق كېرەك.

3. ئەگەر دەرس ئاڭلاۋاتقاندا يەر تەۋرەپ قالسا، قورقۇپ كونتروللۇقنى يوقىتىپ، دەرسخانىدا قالايمىقان يۈگرەپ قېچىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنماسلىق كېرەك. ئىشىككە يېقىن ساۋاقداشلار تېز سۈرەتتە سىرتقا چىقىۋالسا بولىدۇ، سىنىپ ئوتتۇرىدىكى ياكى ئىشىككە يىراق ساۋاقداشلار، دەررۇ ئۈستەل ئاستىغا كىرىۋېلىپ بېشىنى سومكىسى بىلەن ئورىۋالماقلىقى زۆرۈر. تام تەرەپتىكى ساۋاقداشلار تامغا چىڭ يېپىشىپ بېشىنى ئورىۋېلىشى زۆرۈر.

4. ئەگەر ئۆيدىن چىقىۋالغان بولسا، ھەرگىز يەر تەۋرەش توختىغان ھامان ئۆيگە كىرىپ نەرسە ئېلىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك، چۈنكى تۇنجى قېتىم تەۋرەپ بولغاندىن كېيىن قالدۇق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ ئادەمگە خەۋىپى تېخىمۇ ئېغىر.

5. ئەگەر ئاممىۋى سورۇندا يەر تەۋرەپ قالسا، ھودۇقۇپ قالايمىقان يۈگۈرمەستىن، ئەڭ يېقىندىكى بىخەتەر جايغا بېرىۋېلىش كېرەك، مەسىلەن ئۈستەلنىڭ ئاستى، سەھنىنىڭ ئاستى قاتارلىق.

6. ئەگەر كوچىدىكى ۋاقىتتا يەر تەۋرىسە، ھەرگىزمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىچىگە، ئېگىز بىنالارنىڭ ئاستىغا، ئېلان تاختىلىرىنىڭ ئاستىغا كىرىۋالماسلىق، تار كوچا ياكى كۆۋرۈك بېشى قاتارلىق جايلاردا تۇرماسلىق كېرەك.

7. ئەگەر يەر تەۋرىگەندە ئۆرۈلگەن قۇرۇلۇشقا قاپسىلىپ قالسا، ئامال قىلىپ كۆكرىكىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ لۆڭگە ياكى كىيىم بىلەن ئېغىز بۇرنىنى ئورىۋېلىپ، ئىس-تۈتەك، چاڭ-توزاندىن ساقلىنىش كېرەك. سۇ ياكى يېمەكلىك تېپىشقا ئامال بولمايدۇ، بەدەن كۈچىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈش كېرەك.

ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

يېقىلغۇ گاز ئېقىپ كەتكەندە:

ھۆل لۆڭگە ئىشلىتىپ ئېغىز-بۇرۇننى ئېتىۋېلىش، ھەرگىزمۇ ئوت ياقماسلىق، تەۋرەپ بولغاندىن كېيىن ئامال قىلىپ يۆتكىلىش كېرەك.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە:

يەردە دۈم يېتىپ، ھۆل لۆڭگە بىلەن ئېغىز، بۇرۇننى ئېتىۋېلىش كېرەك. تەۋرەش توختىغاندىن كېيىن بىخەتەر جايغا يۆتكىلىش كېرەك، شامالغا تەتۈر يۆنىلىشتە ئۆمىلەش كېرەك.

زەھەرلىك گاز چىقىپ كەتكەندە:

خىمىيە زاۋۇتىغا ئوت كېتىپ، زەھەرلىك گاز چىقىپ كېتىش ئەھۋالىغا ئۇچرىغاندا، شامال يۆنىلىشى بويىچە قاچماسلىق كېرەك، ئامال بار ھۆل لۆڭگە ئىشلىتىپ ئېغىز، بۇرۇننى ئېتىۋېلىش كېرەك.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: يەر تەۋرىگەندە، نۇرغۇنلىغان نورمال دەپ قارىغان نەرسىلەر جاننى ئالىدىغان «قاتىل» غا ئايلىنىشى مۇمكىن، چوقۇم يۈكسەك ھوشيار بولۇش كېرەك. ئېگىز ئىمارەت، تۇرخۇن، ئېگىز دەرەخلەردىن يىراق تۇرۇش، بولۇپمۇ ئەينەكلىك تام، قۇرۇلۇشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. ترانسىفور ماتور، توك سىمى، كوچا چىرىقى، يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى، ئېلان تاختىسى قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.