بۆلجۈرگەن سېتىۋالغاندا دىققەت قىلىڭ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-10 10:04

ھازىر بازاردا يوغان بۆلجۈرگەنلەر سېتىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا قانداق بۆلجۈرگەننى خاتىرجەم ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:

1. غەلىتە شەكىلدىكى بۆلجۈرگەننى سېتىۋالماسلىق كېرەك. بۆلجۈرگەن ئادەتتە كونۇسسىمان بولىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان غەلىتە شەكىلدىكى بۆلجۈرگەننى يېمەسلىك كېرەك.

2. رەڭگىگە قاراش كېرەك. ھورمۇن ئۇرۇلغان بۆلجۈرگەننىڭ رەڭگى تەكشى، پارقىراق بولمايدۇ.

3. سىرتىدىكى دانچىسى قىزىل بۆلجۈرگەننى سېتىۋالماسلىق كېرەك. ئادەتتە بۆلجۈرگەننىڭ سىرتىدىكى دانچىسى سېرىق رەڭدە بولىدۇ، ئەگەر قىزىل بولسام سېتىۋالمىغان ياخشى.

4. ئىچى كاۋاك بۆلجۈرگەننى سېتىۋالماسلىق كېرەك. ئادەتتە بۆلجۈرگەننىڭ ئىچى قىزىل، كاۋاك ئاز بولىدۇ. ھورمۇن ئۇرۇلغان بۆلجۈرگەننىڭ ئىچى ئاق، كاۋاكلار كۆپ بولىدۇ.

5. پۇراقسىز بۆلجۈرگەننى سېتىۋالماسلىق كېرەك.