قىزىلمۇچ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-11 19:03

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، دائىم قىزىلمۇچ يەپ بەرگەندە ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەنلەيدىكەن، بولۇپمۇ يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش ئازىيىدىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى كاپزائىتسىننىڭ سەمىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ قان ئايلىنىشىنى تەڭشەش رولىنىڭ بارلىقىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، كاپزائىتسىندا ئانتىبىيوتىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنى تەڭشەپ، بەدەننى ساغلام قىلىدىكەن.