ئاپتوموبىلغا مۇناسىۋەتلىك بۇ سوغۇق بىلىملەردىن قانچىنى بىلىسىز؟
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 10:17

1. نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆگزىسىدە بىر «لەھەڭ پالاقچىسى» بولىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا تەرەپ ئۆگزىسىىدە لەھەڭنىڭ پالاقچىسىغا ئوخشايدىغان كىچىك بىر قۇرۇلمىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىشى مۇمكىن، بەزىلەر بۇنى ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بېزەك دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئانتېناسى. كونىچە ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزۇن ئانتېناسىنىڭ گەرچە ئۇچۇر قوبۇللاش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ بىراق ئاسانلا سۇنۇپ كېتىدۇ ياكى ئوغىرىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈش گۈزەللىكىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېڭىچە «لەھەڭ پالاقچىسى» شەكىللىك ئانتېنا چاققان ۋە كۆركەم بولۇپلا قالماستىن، ئوغرىلارمۇ ئاسانلىقچە ئوغرىلىيالمايدۇ. گەرچە ھازىر كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارنىڭ ئانتېناسى ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ بىراق بەزى كىشىلەر يەنىلا مۇشۇنداق «لەھەڭ پالاقچىسى» شەكىللىك ئانتېناسى بار ئاپتوموبىللارنى ياخشى كۆرىدۇ.

2. نېمە ئۈچۈن بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ كەينىدە بىر پاتمىچۇقنىڭ بەلگىسى بار؟

پاتمىچۇق بەلگىسى ئەسلىدە ئاۋدى ئاپتوموبىلچىقىنىڭ ھەر ۋاقىت تۆت چاق قوزغىلىش سېستىمىسى quattro نىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئۇ ئاۋدىنىڭ تۆت چاق قوزغىلىش سېستىمىسىنىڭ خۇددى پاتمىچۇقنىڭ تۆت پۇتىغا ئوخشاش يەرگە چاپلىشىپ ماڭىدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان. ھازىر ئاۋدى ئاپتوموبىللىرىنىڭ گاز چىقىرىش مىقدارى 3.0 لېتىردىن يۇقىرىلىرىغا ئاندىن quattro ھەر ۋاقىت تۆت چاق قوزغىلىش سېستىمىسى سەپلىنىدۇ. دېمەك باشقا ئاپتوموبىللاردىكى پاتمىچۇق بەلگىسى پەقەتلا زىننەتلەش ئۈچۈن كېيىن چاپلانغان بېزەك بۇيۇمى خالاس.

ئۇنداقتا نۇرغۇن كىشىلەر نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىلنى باشقا ئوماق ھايۋانلارنىڭ بەلگىسى ياكى رەسىمى بىلەن بېزىمەي پاتمىچۇق بىلەن زىننەتلەيدۇ؟ چۈنكى پاتمىچۇقنىڭ خەنزۇچە نامى «壁虎» بولۇپ، بۇ «بالا-قازادىن ساقلاش» (避祸) ۋە «قوغداش» (庇护) قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئاھاڭداش بولغاچقا كىشىلەر ئاسايىشلىقنى تىلەپ ئاتايىتەن پاتمىچۇق بەلگىسى بىلەن ماشىنىسىنى زىننەتلەيدۇ.

3. نېمە ئۈچۈن تورمۇز تەپكىسى ماي تەپكىسىدىن ئېگىزرەك بولىدۇ؟

مەيلى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىللار بولسۇن ياكى قول خوتلۇق ئاپتوموبىللار بولسۇن بارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ تورمۇز تەپكىسى بىلەن ماي تەپكىسى ئوخشاش ئېگىزلىكتە بولمايدۇ، بەلكى تورمۇز تەپكىسى ماي تەپكىسىدىن ئېگىزرەك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ سەۋەبى شوپۇرلارنىڭ تورمۇز بىلەن ماينى تېخىمۇ ياخشى پەرقلەندۈرۈش، يەنى ماينى تورمۇزنىڭ ئورنىدا دەسسەپ سېلىپ، ھادىسە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ماي تەپكىسىنى تورمۇز تەپكىسىدىن ئېگىز قىلىپ لايىھەلىمەيدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى تېخىمۇ ئاسان بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ مايغا دەسسەپ تۇرۇش ۋاقتى تەبىئى ھالدا تورمۇزغا دەسسەش ۋاقتىدىن ئۇزۇن بولىدۇ، ناۋادا ماي تەپكىسى زىيادە ئېگىز لايىھەلەنسە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇتنى تالدۇرىۋېتىدۇ.

4. نېمە ئۈچۈن ئاپتوموبىللارنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىدە بىر تال سىزىق بولىدۇ؟

بەزى كىشىلەر ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىنى كۆرۈش ئەينىكىنىڭ بىر تال سىزىق بارلىقىنى بايقايدۇ ۋە بۇنى ئاپتوموبىلنى ئىشلەپچىقىرىش جاريانىدىكى بىر نۇقسان ئوخشايدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر تال سىزىق ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن ۋاقىتتىكى كۆرۈش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كۆرۈش دائىرىسىدىكى قارىغۇ رايوننى كىچىكلىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، شوپۇرلار لىنىيە ئالماشتۇرغان، ئايلانغان ۋە ئارقا تەرەپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزەتكەندە بەلگىلىلىك بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.