دۇنيا بويىچە تورغا ئەڭ بېقىنىپ قالغان دۆلەتلەر تەرتىپىدە ئېلىمىز 4-ئورۇندا
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 10:28

جۇڭگودا ئەڭ كۈچلۈك توردا مال سېتىۋېلىش ئەشىيا ئوبوروت كەسپى، ئەڭ كۈچلۈك ئېلېكترونلۇق سودا كەسپى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتېرنېتتا چىقىم قىلىشمۇ كەڭ ئومۇملاشقان. ئامېرىكىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئىنتېرنېت تېخنىكىسى ۋە بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيەلەرنىڭ ھەممىسى شىمالىي ئامېرىكا رايونىدىن كەلگەن. ئەمما مەيلى جۇڭگو بولسۇن ياكى ئامېرىكا بولسۇن ئىنتېرنېتقا كۈچلۈك تايىنىدىغان رايون ھېسابلانمايدۇ.

بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Ipsosنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان دۇنيادىكى تورغا ئەڭ ئېغىر تايىنىدىغان دۆلەت ئىكەن. بۇ شىركەت 23 دۆلەتتىكى 18 مىڭ 100 ئادەمنى تەكشۈرگەن بولۇپ، بۇ شىركەت يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە قانداق ئەۋرىشكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى، بەلكىم بەلگىلىك نىسبەت ۋە شەكىلدە ئەۋرىشكە ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما نەتىجىسىنى پەقەت پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلىشقىلا بولىدۇ.

بۇ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈشىدە يەنە بىر قىزىقارلىق ھادىسە كۆرۈلگەن، گەرچە ھىندىستانلىقلار ئىنتېرنېتقا كۈچلۈك تايانسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە %83 ئادەم «تور يوق تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ رايوندىكى تور سۈپىتى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئارقىدا قالغان سەۋىيەدە بولۇپ، ئوتتۇرىچە تور سۈرئىتى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاستا، يەنى سېكونتىغا ئاران 4.1Mbps. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندىستاندىكى كۆپلىگەن رايونلاردا توك تەمىنلەش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ، 240 مىليون ئادەمگە توك يېتىشمەيدۇ.

ئەمما دەل تورنىڭ تەرەققىياتى نىسبەتەن ئاستا بولغاچقا، بۇ رايون ئىنتېرنېت تەرەققىياتىدىكى بىر مۇھىم باسقۇچتىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇ بولسىمۇ ئۈستەل كومپيۇتېرىدىن كۆچمە ئىنتېرنېتقا ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى مەزگىل، ھازىر ھىندىستانلىقلار بىۋاستە كۆچمە ئىنتېرنېت دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، دەسلەپكى ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى چەكىلىمىكلەر يوق، شۇڭا ئۇل قۇرۇلۇش ۋە بىر قىسىم مۇئەسەسەلەرنى ياخشىلاش تېخىمۇ ئاسانراق، شۇڭا بۇ ئەھۋال پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېتقا بېقىنىش دەرىجىسىنى تېزلەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تىزىملىكتە جەنۇبىي ئافرىقا ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئەنگلىيەنىڭ قىسمەن رايونى (بۈيۈك بىرىتانىيە ئارىلى) ئۈچىنچى ئورۇنغا، جۇڭگو بولسا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئامېرىكا بىرازىلىيە ۋە گېرمانىيەنىڭمۇ ئارقىسىغا، يەنى ئونىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.