29 ياش ئادەمنىڭ ھاياتىدا دوستى ئەڭ كۆپ بولىدىغان مەزگىل
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 10:30

بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، 29 ياش بولسا ئادەمنىڭ ھاياتىدا دوستى ئەڭ كۆپ بولىدىغان مەزگىلكەن، شۇنىڭدەك خىزمەتداشلىرىنىڭ سانى بارلىق دوستلىرى ئارىسىدا ئەڭ چوڭ نىسبەتنى ئىگەللەيدىكەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 29 ياش ۋاقتىدا كىشىلەر كۆپىنچى ھاللاردا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئالاقىنى يەنە ساقلاپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىزمەتداش ھەمراھلىرى بىلەنمۇ يېڭىدىن دوستلۇق ئورنىتىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مەزگىلدە تور ئالاقىسى ئارقىلىقمۇ نۇرغۇن دوست تۇتىدىغان بولغاچقا، دوستلىرىنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن.

نۇرغۇن دوستلىرنىڭ ئىچىدە، خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئوخشاش تۈردىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خاراكتېرىمۇ يېقىن كېلىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدا ئورتاق تونۇشمۇ نىسبەتەن كۆپ بولىدىكەن، خىزمەتداشلىرى ئارىسىدا كۆپىنچە ھاللاردا بىر ۋاقلىق چۈشلۈك تاماق ئارقىلىقمۇ ئۆزئارا تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى ھەم دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بېسىمى نىسبەتەن ئېغىر بولغان خىزمەت مۇھىتىمۇ كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم دوستلۇق ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئادەمنىڭ ھاياتىدا ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 64 دوستى بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 17 نەپىرى خىزمەت ئورنىدىن كەلگەن، 28 نەپىرى مەكتەپ ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدىن كەلگەن، 13 نەپىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىن كەلگەن، يەنە 6 نەپىرى يېقىن دوستلىرىنىڭ تونۇشتۇرشىدىن كەلگەن بولىدىكەن.