ساختا پۇل ياسىغۇچى: راست پۇل ياسىيالمىغاندىكىن ساختا پۇل ياسىدۇق
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:34

3 ئاي ئىلگىرى خېبېي شىڭتەي ساقچىلىرى شىڭتەي شەھەر رايونىدىكى ساختا پۇل ياساش ئۇۋىسىدىن بىرنى بىتچىت قىلدى. جىنايەت گۇماندارى خې xx كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئۈسكۈنە سېتىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ 10 يۈەن، 20 يۈەنلىك ساختا پۇللارنى ياسىغانلىقىنى ئىقرار قىلدى. ئۇلار 2 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر مىليون يۈەندىن كۆپرەك ساختا پۇل ئىشلەپچىقىرىپ 10 نەچچە ئۆلكىگە ساتقانىدى.

جىنايەت گۇماندارى خې xx دېلو سادىر بولۇشتىن ئىلگىرى ھەر كۈنى 4-3 سائەتلا ئۇخلاپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ كۈنىگە 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ساختا پۇل باسقانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

بۇ يىل يەنە شېنجېنلىق بىر جىنايەت گۇماندارى نۇرغۇن قەغەز سېتىۋېلىپ ساختا پۇل ياساشقا ئىشلەتمەكچى بولدى. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسىدىكىلەر 3 ئاي جاپالىق رازۋېدكا قىلىپ مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپات ۋە يىپ ئۇچى توپلىغاندىن كېيىن تور يىغىش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ساقچىلار ئۇلاردىن نېمىشقا ساختا پۇل ياسايدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇلار راست پۇلنى ياسىيالمىغانلىقتىن ساختا پۇل ياسىغانلىقىنى ئېيتتى.

ساقچىلار دەسلەپكى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىككى جىنايەت گۇماندارىغا چېتىشلىق سوممىنىڭ تەخمىنەن 2 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقى، بۇنىڭ شېنجېن ساقچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاش قىلغان ئەڭ چوڭ ساختا پۇل ياساش دېلو سى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، ئىككى جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.

2016-يىلى شېنجېن ساقچىلىرى ھەرخىل تۈردىكى ساختا پۇللاردىن تەخمىنەن 83 مىڭ پارچە يىغىۋالغان بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 521 تىرىلىيون يۈەنگە يەتكەنىدى.