يېڭى iPhone بەك قىممەت بولغاچقا جۇڭگولۇقلار سېتىۋالالماسمىش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:36

ئون يىللىق خاتىرە نۇسخىدىكى 8 iPhone بۈگۈن كېچە ئېلان قىلىنىدۇ. ھازىر ئىگىلىگەن مىش-مىش پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلقى iPhone «قىممەتلىكتە يېڭى پەللە يارىتىدۇ» دېيىشكە بولىدىكەن. يېقىندا، رېيتېر ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى iPhoneنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىشى ئادەتتىكىچە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ بەك قىممەت بولغاچقا جۇڭگولۇقلار سېتىۋالالمايدۇ.»

خەۋەر قىلىنىشىچە، iPhoneنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى ئۇدا ئالتە پەسىل تۆۋەنلەپ كەتكەن، ھازىر ئالما جۇڭگو بازىرىدىكى 5-ئورۇندا تۇرىدىغان شىركەتكە ئايلىنىپ، خۇاۋېي، ئوپپو، ۋىۋو ۋە شياۋمىلارنىڭ ئارقىدا قالغان، بازار ئۈلۈشى 2015-يىلدىكى %15دىن ھازىرقى %9گە چۈشۈپ قالغان.

فوربېسنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone 6 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن iPhoneنىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، جۇڭگولۇق ئىستېمالچىلار تېخىمۇ چوڭ ئېكران ناھايىتى ياقتۇرغان. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلاتلارنىڭ سىرتقى شەكلىدىكى ئۆزگىرىش كۆرۈنەرلىك بولمىغاچقا، ئابونىتلارنى ئانچە جەلپ قىلالمىغان. بولۇپمۇ iPhone 7 يۈرۈشلۈكىنى چەتئەل تاراتقۇلىرى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ مەغلۇبىيەتلىك مەھسۇلات دەپ قارىغان، چۈنكى يېڭى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۆزگەرمەيدىغان سىرتقى شەكلى بىر ئېغىر خاتالىق ئىدى.

پۈتۈن ئېكراننىڭ ئىلتىپاتى بىلەن iPhone Xنىڭ سىرتقى شەكلىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سىمسىز زەرەتلەش، چىراي پەرقلەندۈرۈش، OLED تاختا قاتارلىق يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى بار، بولار جۇڭگولۇق ئابونتلارنى جەلپ قىلىشقا يېتەرلىك. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۇ بەك قىممەت.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، جۇڭگولۇقلار iPhone Xنىڭ مىڭ دوللارلىق باشلىنىش باھاسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئابونىتلار باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋالىدىكەن. رېيتېر ئاگېنتلىقى ئىككى جۇڭگولۇقنى ئىختىيارىي زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە iPhone Xنىڭ باھاسىنى قوبۇل قىلىش تەس بولۇپ، باھاسىنى چۈشكەندىن كېيىن ياكى مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىۋالىدىكەن. بىراقچەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلاپ قاپتۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى يېڭى iPhone ئېلان قىلىنغاندا، يەنە بىر قېتىملىق يانفون ئالماشتۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلىدۇ.