يۈرەك كېسىلى ۋە تىرەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:42

يۈرەك ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇپ، ساغلام يۈرەك ئادەم تۆرەلگەندىن تارتىپ ھاياتى ئاخىرلاشقىچە توختىماي سوقۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «ئادەم بەدىنىدىكى موتور» دەپ تەرىپلىشىدۇ.

بىر ئادەمنى 70 ياشقا كىردى دېسەك، ئۇنىڭ يۈرىكى مىنۇتىغا 70 قېتىمدىن سوققان بولسا، ھاياتىدا تەخمىنەن 2 مىليارد 600 مىليون قېتىم سوققان بولىدۇ. بۇنداق مۈشكۈل ۋە ئۇزاققا سوزۇلغان ۋەزىپىنى ساغلام يۈرەكلا ئورۇندىيالايدۇ. ئەگەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈرەك سوقۇشتىن توختىسا، بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

گەرچە يۈرەكنىڭ ئادەم ھاياتىدىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ، دۇنيا مىقياسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلار دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەيدىكەن. ئېلىمىزدە نۆۋەتتە ھەر يىلى بىر نەچچە 100 مىڭ ئادەم يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن.

يۈرەك كېسىلى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىملىق يۈرەك كېسىلى، تۇغما يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يۈرەك كېسەللىرىنىڭ ئىچىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى نۆۋەتتە يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ، ئىنسانلارغا زور تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيان، تەرەققىي تاپقان غەرب ئەللىرىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەنلەر كېسەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئېلىمىزدە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئون يىلدا ئىككى ھەسسىدىن ئۈچ ھەسسىگىچە كۆپەيگەن، ئۆلۈش نىسبىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلىشىچە، 2020 –يىلىغا بارغاندا، يەر شارىدا ھەر يىلى 25 مىليون ئادەم يۈرەك قان تومۇر كېسىلى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 19 مىليونى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە ئىكەن.

تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشتا، نۆۋەتتە دورا بىلەن داۋالاش، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق داۋالاش، تىرەك قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلماقتا. دورا بىلەن داۋالاشنىڭ مۇددىتى ئۇزاق، ئۈنۈمى ئاستا، ئەكس تەسىرى ئەندىشىلىك بولسىمۇ، ھازىر ئۇ يەنىلا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇل ھېسابلانماقتا. دورا بىلەن داۋالاش ئانچە ئۈنۈم بەرمەيدىغان، لېكىن ئوپېراتسىيە قىلىش ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا. ئەگەر تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرى ئېغىر ھالدا تارايغان ياكى توسۇلغان بولسا، ئارتېرىيە تومۇرىغا تىرەك قويۇپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلماقتا. گەرچە بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوللىنىلىۋاتقان يېڭى داۋالاش ئۇسۇلى بولسىمۇ، ئۇ ئاغرىقلارغا ئەپكىلىدىغان ئاغرىق ئازابى بولماسلىق ۋە جاراھەت قالماسلىقتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئەنئەنىۋى ئوپېراتسىيەدە، تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرى ئېغىر ھالدا تارايغان ياكى توسۇلغان جايدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ئائورتا غول تومۇر بىلەن قان يېتىشمىگەن يۈرەك مۇسكۇلى ئارىلىقىغا كۆۋرۈك سېلىنىپ، دەريانىڭ ئىككى ياقىسى تۇتاشتۇرۇلۇپ قاتناش راۋانلاشتۇرۇلغاندەك، قاننىڭ ئېقىشى ئۈچۈن راۋان «يول» ياسالغاچقا، كىشىلەر بۇ خىل ئوپېراتسىيەنى ئوبرازلىق ھالدا «يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراسىيەسى»، قىسقارتىپ «كۆۋرۈك سېلىش» دەپ ئاتىغان.

تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىغا تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى بولسا، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاشتىكى بىر خىل يېڭى ئۇسۇل. بۇ ئوپېراتسىيەدە مېتال ياكى قېتىشما قاتارلىق ماتېرىيالدىن ئىشلەنگەن پىلاستىكلىق ۋە گېئومېتىرىيەلىك مۇقىملىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە تىرەك جىسىمنى ئارتېرىيە تومۇرنىڭ ئېغىر تارايغان بۆلۈكىگە قويۇپ، تارايغان تومۇرنى كېڭەيتىپ، قاننىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوپېراتسىيەسىدۇر. ھازىر تىرەك قويۇش ئوپېراتسىيەسى يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، يەنە مېڭە قان تومۇرى، بۆرەك ئارتېرىيە تومۇرى، ئائورتا غول تومۇرلارغىمۇ قويۇلماقتا. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ كۈنسايىن مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، قان تومۇر تىرىكىگە بولغان تەلەپمۇ ئاشماقتا. تەلەپ بويىچە بولغاندا كۆڭۈلدىكىدەك (ئىدېئال) قان تومۇر تىرىكى چىرىشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش؛ بىيو ماسلىشىشچانلىققا ئىگە بولۇش؛ چارچاشقا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش؛ x نۇرى ۋە يادرو ماگنىتلىق رېزونانس قاتارلىق تەكشۈرۈشلەردە ئېنىق كۆرگىلى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى شەرت.

يۈرەك كېسىلى نۆۋەتتە ئىنسان ھاياتىغا ئاپەت ئېلىپ كېلىۋاتقان كېسەل بولغاچقا، بۇ كېسەلگە سەل قارىماسلىق كېرەك. بولۇپمۇ يېشى 45 تىن ئاشقان ئەرلەر، 55 تىن ئاشقان ئاياللار؛ تاماكا چەككۈچىلەر؛ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بارلار؛ دىيابېت ئاغرىقلىرى؛ يۇقىرى خولېستېرىن قان تەركىبلىك كىشىلەر؛ ئائىلىسىدە ئۇرۇقداشلىق ئىرسىيەت تارىخى بارلار؛ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار؛ ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغانلار ۋە خىزمىتى ئالدىراشلار (جىددىي بولغانلار) بۇ خىل كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تېخىمۇ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. بۇلاردىن باشقا، ئورۇق كىشىلەر يۈرەك كېسىلى بولمايدۇ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىشى، گۆش يېمىسىلا يۈرەك كېسىلى بولمايدۇ دېگەندەك خاتا قاراشلاردا بولماسلىق كېرەك. ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، يۈرەكتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئەزاغا بولغان ئىلمىي تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈش، بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپلا يۈرەك ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ھەقىقىي تەڭشەش، بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئىلمىي داۋاملاشتۇرۇش، تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، پىسخىك ساغلاملىققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەك.