ب د ت دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچۇر ئامبىرى قۇرماقچى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 16:49

ب د ت خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتى (ICAO) ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تىزىملاش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن دۇنياۋى ئۇچۇر ئامبىرى ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قانۇنى ئۈچۈن ئۆز ئالدىغا ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش ئاۋارىچىلىكىدىن ساقلىنىشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان شىركەتلىرىگە تېخىمۇ ئېنىق ئۆلچەم بېكىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

بىراق بۇ پىلان ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى تىزىملاش توغرىسىدىكى سوت ھۆكۈمىگە خىلاپ، چۈنكى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن سوت مەھكىمىسى سودىغا ئىشلىتىلمەيدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن مودېل ئايروپىلانلارنى مەجبۇرىي تىزىملاش ھاجەتسىز دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. بىراق ئامېرىكىنىڭ ICAOنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇش قوشۇلماسلىقى ئۇ باشقا ئىش.

بۇ يەر شارى ئۇچۇر ئامبىرىنى قايسى تەشكىلاتنىڭ باشقۇردىغانلىقى پىلاندا ئېنىق ئېيتىلمىغان، ب د ت نىڭ ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇشىمۇ ھەيران قالارلىق ئەمەس، قانداقلا بولمىسۇن ئۇچۇرلاردىن 191 ئەزا دۆلەت ئورتاق بەھرىمەن بولىدۇ. بىراق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بارغانسېرى ئاۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئۇچۇر ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، جامائەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا ئۈنۈملۈك زەربە بەرگىلى بولىدۇ.