يېڭى iPhone چىقىپلا iPhone 6S ۋە iPhone 7نىڭ باھاسى زور چۈشۈرۈلدى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:00

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، iPhone 8 ۋە iPhone X بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەر سائەت 1دە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئەلۋەتتە بۇ بۇلتۇرقى كونا نۇسخىدىكى iPhone 7 بىلەن iPhone 7 plusنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

iPhone X شۈبھىسىزكى بىر ئالىي ئىقتىدارلىق مەھسۇلات، ئەمما 10 مىڭ يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان باھاسى ئادەمنى سەل ئويغا سېلىپ قويىدۇ. ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى 32GBلىق نۇسخىدىكى iPhone 7نىڭ نۆۋەتتىكى باھاسى 549 دوللار (سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 3584 يۈەن)، iPhone 7نىڭ باھاسى 669 دوللار (تەخمىنەن 4370 يۈەن)، دېمەك ئىلگىرىكى باھاسىغا قارىغاندا 100 دوللار تۆۋەنلىدى (تەخمىنەن 652 يۈەن).

ئېلان قىلىنغان iPhone 8 ۋە iPhone 8 plusنىڭ باشلىنىش باھاسى 699 دوللار (تەخمىنەن 4563 يۈەن) ۋە 799 دوللار (تەخمىنەن 5220 يۈەن). ئەمما سىرتقى كۆرۈنۈشى جەھەتتە iPhone 7دىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ. پەقەت يېڭى رەڭلەر ئىشلىتىلگەن ھەمدە سەپلىمىسى ئەلالاشتۇرۇلغان. ئەمما باھاسى iPhone 7دىن 150 دوللار (تەخمىنەن 980 يۈەن) قىممەت. شۇڭا ئەگەر بۇ يىللىق iPhone سىزنى جەلب قىلالمىغان بولسا، iPhone 7نى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بۇرۇنقى يىللاردا ئىككى يىل بۇرۇنقى بايراقدار يانفون بىۋاستە سېتىشتىن توختىتىلاتتى، ئەمما بۇ قېتىم iPhone 6s بىلەن 6s Plusنىڭ باھاسىمۇ 100 دوللار تۆۋەنلىتىلدى، نۆۋەتتىكى باشلىنىش باھاسى ئايرىم-ئايرىم 449 دوللار (تەخمىنەن 2933 يۈەن) ۋە 549 دوللار (تەخمىنەن 3584 يۈەن).

iPhone SEنىڭ باھاسىمۇ 50 دوللار (تەخمىنەن 326 يۈەن) چۈشۈرۈلدى، باشلىنىش باھاسى 349 دوللار (تەخمىنەن 2278 يۈەن)، دېمەك iPhone SE تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئەرزان iPhone غا ئايلاندى.