بىرازىلىيەدە ئامازون قەبىلىسىدىن ئون ئادەمنى ئالتۇن كان ئىشچىلىرى ئۆلتۈرۈۋەتتى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:06

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11–سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، بىرازىلىيە ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېيتىشىچە، تەركى جاھان ياشايدىغان ئامازون قەبىلىسىدىن 10 ئادەمنى ئالتۇن كان ئىشچىلىرى قىرغىن قىلغان.

قەبىلە خەلقىنى قوغداشقا مەسئۇل ئورگاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئونەيلەن ئامازون دەرياسىنى بويلاپ تۇخۇم يىغقىلى مېڭىپ، كان ئىشچىلىرىغا يولۇققاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئاندىن كان ئىشچىلىرى كولۇمبىيە چېگرىسىدىكى كىچىك بىر بازاردا قاۋاقخانىغا كىرىپ، قەبىلە ئادەملىرىنى قانداق ئۆلتۈرگىنىنى مېھمانلارغا ماختىنىپ سۆزلەپ بەرگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىۋالغان ئويما پالاقنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆز-كۆز قىلغان.

بۇ ئامازون قەبىلىسىنىڭ تۇنجى ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ئەمەس. 2011–يىلىمۇ تولۇق قوراللانغان زەھەر ئەتكەسچىلىرى قوغداش ئورگىنىنىڭ قاراۋۇلخانىسىنى ئىگىلىۋالغاندا، پۈتۈن بىر قەبىلە يوقاپ كەتكەن. كېيىن بۇ قوغداش ئورگىنى خادىمى ئەتكەسچىلەرنى قولغا ئالغاندا، بىرىنىڭ سومكىسىغا سانچىلىپ قالغان سۇنۇق يا ئوقىنى كۆرۈپ، بۇ قەبىلىنىڭ تولۇق قىرىۋېتىلگەنلىكىنى پەملىگەن.