پىچەكگۈلنىڭ مۇنداقمۇ پايدىسى بار
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 14:12

تېۋىپلار يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «500 گىرام يېڭى پىچەكگۈلنى (山药) پىشۇرۇپ، پوستىنى سويۇۋېتىپ ئەزگەندىن كېيىن ياپىلاقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن شاپتۇل مېغىزى، چىلان، دولانا، قارىئۆرۈكلەرنى تۈگۈپ، تەخمىنەن ئون مىنۇت دۈملىگەندىن كېيىن ھەسەل قوشۇپ يەپ بەرسە، ئۇنىڭ بەدەنگە بېرىدىغان پايدىسى ھەسسىلىنىدۇ».

تېۋىپلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: «پىچەكگۈل تالنى قۇۋۋەتلەپ بۆرەكنى كۈچەيتىدۇ، شاپتۇل مېغىزى تال ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ قورۇقنى يوقىتىدۇ، يەنە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، چىلاننىڭ بەدەننىڭ قۇۋۋىتىنى زورايتىپ قاننى پەرۋىشلەش رولى بار؛ ئۇلارنى يۇقىرىقى ئۇسۇلدا يەپ بەرسە، تېرىدىكى چوڭقۇر قورۇقلار يوقاپ، ئېلاستىكىلىقى كۈچىيىپ پارقىرايدۇ».