سۈنئىي ئىدراك 10 يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 15:14

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئۇچقاندەك تېز تەرەققىياتى مائارىپ ساھەسىدە غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن. ئەنگلىيە بۇككىنخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى شېلتوننىڭ بىلدۈرىشىچە، سۈنئىي ئىدراك 10 يىل ئىچىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن.

شېلتوننىڭ دېيىشىچە، ۋاقتى كەلگەندە ئوقۇتقۇچىلار پەقەت سىنىپتىكى ئەسۋابلار ۋە دەرسخانا تەرتىپىنى ساقلاشقىلا مەسئۇل بولۇپ، سۈنئىي ئىدراكنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالىدىكەن.

شېلتون مۇنداق دېدى: سۈنئىي ئىدراك مائارىپ تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدۇ، ئېتون مەكتىپى قاتارلىق داڭلىق بىلىم يۇرتىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنىمۇ سۈنئىي ئىدراك ئالىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «پەقەت يۇمشاق دېتال ئارقىلىقلا ھەممە ئادەم ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ خۇسۇسىيلاشقان ئوقۇتقۇچىغا ئىگە بولالايدۇ، يۇمشاق دېتالمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش سۈرئىتى ئۆستۈرەلەيدۇ.

شېلتون ئەنگلىيە پەن-تېخنىكا بايرىمىدا كەلگۈسى مائارىپنىڭ ئىستىقبالىنى شەرھىيلەپ مۇنداق دېدى: ئىنسانلار ئىلگىرى ھاياتلىق ماھارىتى ئۆگىنىش، بىلىمنى ھەمبەھرىلەش ۋە مەتبەئە تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىش قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتىنى باشتىن كەچۈرگەن، تۆتىنچى قېتىملىق مائارىپ ئىسلاھاتى سۈنئىي ئىدراكنىڭ ياردىمىدە بالىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش سۈرئىتىنى ئىگىلەشتۇر.