مۇھەببەتلەشكەندە ئارىلىق ساقلاڭ، تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشسۇن
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 15:16

«مۇھەببەتلەشكەندە ئىككى تەرەپ ھەر ۋاقىت بىللە بولۇشى كېرەك»، بۇ ھازىرقى نۇرغۇنلىغان بىر جۈپلەرنىڭ يۈرەك ساداسى. لېكىن ھەمىشە بىللە تۇرغاندا، بەزىدە ئاسانلا ئارىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىدۇ، پىسخىكا ساغلاملىقى زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا مۇھەببەتلەشكەندە چوقۇم مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئالاقە ئۇسۇللىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئۇچۇرلا يېزىپ ياكى تېلېفونلا قىلىپ، يۈز تۇرانە پىكىرلەشمەسلىكمۇ ئاسان ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

ئىككى ئادەمنىڭ بىللە تۇرغان ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشۈشتىن زىيادە سەزگۈرلۈكمۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئاپا-دادام توي قىلغىلى نەچچە ئون يىل بولدى، بەزىدە كىچىك ئىشلار بىلەنمۇ تاكاللىشىپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا، سوغۇققانلىق بىلەن قارشى تەرەپتىن نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى سوراش، مۇلايىم ۋە ئىللىق يوسۇندا چۈشەندۈرۈش كېرەك.

ئەگەر ئىككى يەردە تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىشتىن ئازارلانغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىچىڭىزنى سىغدۇرۇشچانلىق، ئىشەنچ ۋە چۈشىنىش بىلەن كۈچلۈك قىلىڭ.

بۇنداق مۇھەببەتلىشىش زېرىكىش، قارشى تەرەپ سوغۇق بىلىنىش ۋە ساداقىتىدىن گۇمانلىنىش بىلەن مەغلۇب بولىدۇ، يوقىلاڭ خىيالنى كۆپ قىلىش بىلەن ئىككەيلەن ئىشىنىشمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بۇنىڭ ئەۋزەللىكىمۇ بار، دوستلىرىڭىزنىڭ يىغىلىشلىرىغا بىمالال بېرىپ-كېلەلەيسىز. ئەلۋەتتە، قىلماقچى بولغان ئىشنى ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ قويىسىز، ئاندىن ئارىڭىزدا ئارىلىق ساقلىنىپ، مۇھەببەت ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.

نۇرغۇن بىر جۈپلەر ھەمىشە بىللە تۇرۇشنى خالىمايدۇ، بۇ مۇھەببەتنىڭ ئاجىزلاشقىنى ئەمەس، بەلكى كۈچىيىش ئېھتىياجى. دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەندە، كىشىلەر ھەرۋاقىت بىللە تۇرۇشنى ئويلايدۇ، لېكىن قايسى مەزگىل بولسۇن، مۇۋاپىق ئارىلىق ساقلىغان مۇھەببەت تېخىمۇ ئۇزۇنغا بارىدۇ.