ئېلىمىز نۇسخىسىدىكى iPhone Xنىڭ باھاسى ۋە سېتىلىش ۋاقتى ئېلان قىلىندى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 15:23

تۈنۈگۈن كەچ ئالمىنىڭ «ئالما باغچىسى» باش ئىشتابىدا ئېچىلغان كۈزلۈك يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئالما iPhone 8/8 Plus/X يانفونلىرىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 8 بىلەن 8Plus يانفونى iPhone 7/7 Plusنىڭ دائىملىق يېڭىلانمىسى بولۇپ، ئاساسلىقى ئارقا تەرىپى ئەينەك ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن، سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە. ھەممە تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن iPhone Xكە بولسا پۈتۈن ئېكران لايىھەسى، قوش كامېرا، قوش ئوپتىكىلىق سىلكىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ۋە ئەڭ يېڭى FaceID چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن. مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالمىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئورگان تورى مەھسۇلات ئۇچۇرىنى يېڭىلاپ، بۇ ئۈچ خىل يانفوننىڭ سېتىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى.

ئالمىنىڭ جۇڭگو رايونىدىكى ئورگان تورىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، iPhone 8 بىلەن iPhone 8 Plus يەنىلا 4.7 دىيۇم ۋە 5.5 دىيۇم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە iPhone 8/8 Plusنىڭ پەقەت كۈمۈش رەڭ، ئالتۇن رەڭ ۋە قېنىق كۈلرەڭ تىپى، 64GBلىق ۋە 256GBلىق ئىككى خىل ساقلىغۇچ سەپلەنلگەن نۇسخىلىرى بار.

iPhone 8نىڭ 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 5888 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 7188 يۈەن.

iPhone 8 Plusنىڭ 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 6688 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 7988 يۈەن. ئىككى خىل يانفون 9-ئاينىڭ 15-كۈنى زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ، جۇڭگو رايونىدا بازارغا سېلىپ سېتىش ئۇچۇرى تەستىقلانلانغاندىن كېيىن ئاندىن سېتىلىدۇ.

نۇقتىلىق بايراقدار يانفون iPhone Xنىڭ بولسا پەقەت كۈمۈش رەڭ ۋە قېنىق كۈلرەڭ نۇسخىسى چىقىرىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 64GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 8388 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسىنىڭ باھاسى 9688 يۈەن. مەھسۇلات 10-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:01دىن باشلاپ ئالدىن زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ، كونكرېت سېتىلىش ۋاقتى تەستىقلانغاندىن كېيىن بېكىتىلىدۇ.