ياپونىيە دۆلەتلىك رەسەتخانىسىدىكىلەر11مىليارد يىل ئىلگىرىكى سامانيولىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى كۆزەتتى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 15:38

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە دۆلەتلىك رەسەتخانىسى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر 11-سېنتەبىر ئۈكەر يۇلتۇز تېلېسكوپى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق 11 مىليارد يىللار ئىلگىرى سامانيولى مەركىزىدە كۆپلەپ ئاسمان جىسىمى پەيدا بولغانلىقى ھەمدە بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ غايەت زور سامانيولىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئانالىز قىلىنىشىچە، گەرچە ھازىرغىچە نۇرغۇن سامانيوللىرى بىرلىشىپ غايەت زور سامانيولى بەرپا قىلغانلىقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما بىر سامانيولىنىڭ شەكىللىنىپ، ئۆزگىرىشىگىچە بولغان جەريانلارنىڭ بايقىلىشى تېخى تۇنجى قېتىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياپونىيە دۆلەتلىك رەسەتخانىسىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى: «بۇ قېتىم بايقالغان سامانيولىنىڭ بىرىككەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت بايقالمىدى. سامانيولى شەكىللىنىشىدە مۇستەقىل شەكىللىنىش ئاساسمۇ ياكى بىرىكىش ئاساسمۇ دېگەن مەسىلە داۋاملىق تەكشۈرۈلۈشكە موھتاج» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئۈكەر يۇلتۇز تېلېسكوپى، ALMA تېلىسكوپى، خۇببېل بوشلۇق تېلېسكوپى ئارقىلىق كىت يۇلتۇز تۈركۈمى يۆنىلىشىگە جايلاشقان يىراق سامانيولىنى كۆزەتتى. ئىگىلىنىشىچە، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكىللىنىش سۈرئىتى سامانيولىنىڭ 40 ھەسسىسىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئېغىرلىقىمۇ نۆۋەتتىكى سامانيولىنىڭ 4-2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.