گۇگول ھەر قايسى ئاندىرويىد سىستېمىلىرىنىڭ 8-ئايلىق بازار ئۈلۈشىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 15:57

گەرچە ئاندىرويىد 8.0نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلىنىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئاندىرويىد 7.0نىڭ ئۈلۈشى يەنىلا ئاستا-ئاستا ئۆرلىمەكتە.

چەت ئەل تاراتقۇسى Android Authorityنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا گۇگول 8-ئايدىكى ئاندىرويىد سىستېمىلىرىنىڭ تارقىلىش گىرافىكىنى ئېلان قىلغان، ئالدىنقى ئايغا سېلىشتۇرغاندا ئاندىرويىد 7.x نۇسخىسىنىڭ ئۈلۈشى ئىككى پىرسەنت پوئېنتى ئۆرلىگەن، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئاندىرويىد 7.0نىڭ ئۈلۈشى %12.3تىن %14.2كە، ئاندىرويىد 7.1نىڭ %1.2تىن %1.6كە ئۆرلىگەن، ئومۇمىي نىسبىتى %15.8كە يېتىپ، تۆت يىل ئىلگىرىكى ئاندىرويىد 4.4 سىستېمىسىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ سىستېمىنىڭ ئۈلۈشى %15.1؛

ئاندىرويىد 7.xدىن باشقا، باشقا نۇسخىلىرىنىڭ ئۈلۈشى ئازراق تۆۋەنلىگەن. ئەمما ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئاندىرويىد 6.0 ۋە ئاندىرويىد 5.xنىڭ ئۈلۈشى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نىسبىتى يېرىمدىن ئاشقان، ئاندىرويىد 4.xنىڭ ئۈلۈشى يەنىلا %20تىن يۇقىرى ئىكەن.

بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەبى يانفون كارخانىلىرى كونا يانفونلارنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاشقا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەرنىڭ يانفون ئالماشتۇرۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولغاچقا، كونا نۇسخىدىكى ئاندىرويىد سىستېما قاچىلانغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا سىز ھازىر قايسى نۇسخىدىكى ئاندىرويىد سىستېمىنى ئىشلىتىسىز؟