كېلەر يىلقى ئالما يانفونى iPhone 9 دەپ ئاتىلامدۇ؟
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 15:59

ئالما بۇ يىلقى يېڭى يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، يانفون قاتتىق دېتالىدىن باشقا يېڭى يانفوننىڭ ئىسمىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ئىدى، چەت ئەل تاراتقۇسى The Verge بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئېلىپ باردى، ئەسلى ماقالە تۆۋەندىكىچە:

ئالما iPhone Xنى ئەمدىلا ئېلان قىلدى، بۇ ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار iPhone نى بولۇپ، 11-ئايدا بازارغا سېلىنىدىكەن، 8 iPhone بىلەن iPhone 8 Plus مۇشۇ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى بازارغا سېلىنىدىكەن . ئالما ئابۇنتلىرى iPhone Xنى «iPhone 10» دەپ ئاتىسا توغرا بولىدۇ، ئۇنىڭ بازارغا سېلىنىشى iPhoneنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈندۇر. iPhone 8 ماھىيەتتە iPhone 7S بولۇپ، بۇ يەنە iPhone 9نىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.

ئالمىنىڭ تارىختىن بۇيانقى «S» بىلەن ئات قويۇش ئۇسۇلىدا بۇ يىل ئۆزگىرىش بولدى، بۇ كىشىنى ئانچە ھەيران قالدۇرمايدۇ. سامسۇڭ يىل بېشىدا Galaxy S8نى بازارغا سالدى، Note 8مۇ 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ بازارغا سېلىنىدۇ، ئەگەر ئالما iPhone 7S ۋە iPhone 7S Plus دېگەن ئىسىمنى ئىشلىتىپ سامسۇڭ Galaxy S8 ۋە Galaxy Note 8 بىلەن رىقابەتلەشسە ئازراق زىيان تارتىدۇ، ئېنىقكى، ئالما بۇ يىلقى iPhoneنىڭ ئىسمىدا ناھايىتى ياخشى سېتىش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتتى.

iPhone Xنىڭ ئىسمى ئۇنى ئادەتتىكى يانفوندىن ئۈستۈن كۆرسىتىشكە پايدىلىق ھەم «iPhone 10» دەپ ئېنىق يېزىشمۇ ھاجەتسىز، چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنى «iPhone 10» ئەمەس، iPhone X دەپلا ئاتايدۇ. ئىسىمدىكى بۇ نازۇك پەرق ئۇنى بىر ئالاھىدە نۇسخىسىدىكى iPhoneغا ئايلاندۇرىدۇ، كىشىلەر iPhone 8نى سېتىۋالغاندا بۇ بىر خىل يېڭى ئۈسكۈنە دەپ قارايدۇ، گەچە كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ iPhone Xنى سېتىۋالغۇسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ باھاسى بەك يۇقىرى بولغاچقا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر يەنىلا iPhone 8نى سېتىۋالىدۇ.

بۇ كېلەر يىلقى iPhoneنىڭ ئىسمىنىڭمۇ ئىنتايىن قىزىقارلىق بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، كېلەر يىلى كۆرىدىغىنىمىز iPhone 8S ۋە iPhone 9 ياكى iPhone XS بولارمۇ؟