ھىندىستاندا بىر كالا ئالماس «تېزەكلىدى»
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 16:01

ھىندىستاندا غەلىتە ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىراق، ھىندىستاندا ناھايىتى مۇقەددەس بىر خىل ھايۋان، يەنى كالا بار. جۇڭگولۇقلار كالىنى يەر تېرىش ۋە سۈتىنى ئېلىشقا ئىشلەتسە، ھىندىستاندىكى كالىلار ئالماس تېزەكلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھىندى دىنى مۇرتلىرى كالىنى «مۇقەددەس» ھايۋان دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇلار تېخى كالىلارغا بىر ساناتورىيە قۇرۇپ بەرگەن. ھىندىستانلىقلار كالىغا شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇنداقتا، كالا ئۇلارغا قانچىلىك قىممەت يارىتىپ بېرىدۇ؟

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ھىندىستاندا پەقەت كالىلارنىڭ سۈتىدىنلا پايدىلىنىشقا بولىدىكەن، ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىكەن. شۇڭا كالىلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. بىراق، يېقىندا بىر سىرلىق كالا ئىگىسىگە چوڭ «خۇشاللىق» ئاتا قىلدى. دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇرىدىغان بۇ سىرلىق كالا بىر كۈنى 300 دانە كىچىك ئالماس تېزەكلىدى؟ بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ دەسلەپتە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ بىمەنە ھېس قىلدى. بىراق، ئەمەلىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق. بىراق، بۇ كالا نېمە ئۈچۈن ئالماس تېزەكلەيدۇ؟ ئەجىبا، ھىندىستان كالىلىرىدا بىرەر خاسىيەت بارمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس.

بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنى ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن كۆپچىلىك بۇنىڭ پەقەت بىر ئۇدۇل كېلىپ قېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدى. دېھقانلىق مەيدانىنىڭ غوجايىنىنىڭ ناھايىتى كۆپ پۇلى بار بولۇپ، ھەرخىل ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئېلىپ-سېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېقىندا، ئۇ ئازراق كىچىك ئالماس سېتىۋېلىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن بازارغا ئېلىپ بېرىپ سېتىۋەتمەكچى بولدى. بىراق، تۇيۇقسىز ئىشى چىقىپ قالغانلىقتىن ئالماسلارنى ئوت-چۆپ دۆۋىسى ئاستىغا يوشۇرۇپ قويدى. ئۇ ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندە ئالماس كۆمۈلگەن ئوتلارنىڭ كۆپىنچىسىنى كالا يەۋەتكەنلىكى، ئالماسلارنىڭمۇ يوقلۇقىنى كۆرۈپ قاتتىق جىددىيلىشىپ كەتتى. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ نۇرغۇن ئادەم كالىنى ئۆلتۈرۈپ ئالماسلارنى ئېلىۋالسىلا بولمىدىمۇ دەپ ئويلايدۇ. بىراق، ھىندىستاندا كالىلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

ئەھۋال مۇشۇنداق جىددىي بولۇۋاتقان پەيتتە دېھقانچىلىق مەيدانى غوجايىنى كالىغا ئازراق سۈرگە دورىسى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىرلىق كالا 300 دانە كىچىك ئالماس تېزەكلىدى. بىراق، ئالماسلارنىڭ كۆپ قىسىمى كالىنىڭ قورسىقىدا قالدى.