ئۇخلاشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى يەپ بېرىڭ
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-09 09:19

ئالما: ئالما تەركىبىدە مېۋە شېكىرى، ئالما كىسلاتاسى ۋە مول بولغان ئاروماتىك بار. ئالما ئورگانىزىملارنىڭ سېرتونىن ئىشلەپچىقىرىشىنى جانلاندۇرۇپ، ئۇيقۇڭىزنى ياخشىلايدۇ.

نېلۇپەر ئۇرۇقى: نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ مېڭىنى تېنچلاندۇرۇش رولى بار. نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە نېلۇپەر ئىشقارى، سۇزاپ گىلىكوزىدى قاتارلىق تەركىبلەر بار بولۇپ، تېنچلاندۇرۇش رولى ناﮬايىتى ياخشى. ئۇخلاشتىن بۇرۇن نېلۇپەر ئۇرۇقىنى سۇدا قاينىتىپ تۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئازراق ئىچىپ بەرسە ياكى سۇدا قاينىتىپ شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ يېسە ئۈنۈمى ناﮬايىتى ياخشى بولىدۇ.

ئۈجمە: ئۈجمە مەنپىيلىك زەئىپلىشىشتىن مۇسبەتلىك ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك باش قېيىش ۋە ئۇخلىيالماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۈجمىنى سۇدا قاينىتىپ شىرنىسىنى ئېلىپ، ساپال قاچا ئىچىگە ئېلىپ ئۇيۇتقاندىن كېيىن، ﮬەسەل قوشۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاپ، كۈندە بىر-ئىككى قوشۇق ئىلمان سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

ياڭاق: ياڭاق بەدەن قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بىر خىل يېمەكلىك، نېرۋا زەئىپلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنتۇغاقلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىقلارنى داۋالايدۇ.

يۇمىلاق شال گۈرۈچ، ياڭاق مېغىزى، قارا كۈنجۈتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇس ئوتتا قاينىتىپ، شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلىپ بەرسە پايدىسى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.