ئالما شىركىتى ھىندىستاندا ئىككى Mac تەجرىبىخانىسى قۇرىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13 08:59

ئالما شىركىتى بۈگۈن ھىندىستاننىڭ چېنناي ۋە بومباي شەھىرىدىكى KM مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن Mac تەجرىبىخانىسى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تەجرىبىخانا ئاساسلىقى ئوقۇغۇچىلارنى Logic Pro X ئارقىلىق مۇزىكا ئىجاد قىلىش جەھەتتە تەربىيىلەيدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ دىيىشىچە، بۇ تەجرىبەخانا كەلگۈسىدە نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مۇزىكا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش لىدېرى مۇشۇ ھەپتىدە بومبايغا زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ، ئۇ A.R. Rahman بىلەن بىرلىكتە بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان. A.R. Rahman بولسا ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مۇزىكانت، كومپوزىتور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچى، شۇنداقلا يەنە KM مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچىسى.

A.R. Rahman فوند جەمىيىتى 2008-يىلى KM مۇزىكا ئىنستىتۇتىنى قۇرغان. بۇ ئالىي مەكتەپ غەربچە ناخشا-مۇزىكا، ھىندىستانچە كىلاسسىك مۇزىكا ۋە ئاۋاز تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن كۈنلۈك ۋە ئىشتىن سىرتقى دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.