شاكىرانىڭ ئاتا-ئانىسى: قىزىمىز بىلەن پېك ئىنتايىن بەخىتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-13 09:00

يېقىندا تاراتقۇلار تەرىپىدىن شاكىرا بىلەن پېك ئايرىلىپ كەتتى دەپ تارقىتىلغان خەۋەرلەرگە قارىتا، كولۇمبىيەلىك ناخشىچى شاكىرانىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنكاس قايتۇرۇپ، پېك بىلەن شاكىرانىڭ ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقىنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىدى.

شاكىرانىڭ ئاتىسى ۋىليان مېباراك بىلەن ئانىسى نادىيا رىپىيې يېقىندا بارسېلوناغا كەلگەن بولۇپ، «Chance» تاراتقۇسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا، تاراتقۇلارنىڭ قىزى شاكىرانىڭ مۇھەببەت تۇرمۇشى ھەققىدىكى گۇمانلىرىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرغان:

«ئۇلار ئىلگىرىكىدەكلا ئىنتايىن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرىۋاتىدۇ، بىز ھەممىمىز شۇنداق بەخىتلىك».

شاكىرانىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىن قىزى شاكىرانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن تاراتقۇلارنىڭ كاتالونىيا رايونىنىڭ مۇستەقىل بولۇش مەسىلىسىدىكى پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك سورىغان سوئاللىرىغا ئۇلار جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ مۇنداق دېگەن:

«بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە قىلمايمىز، بىز بۇ مەسىلە ھەققىدە پىكىرلىشىشنىمۇ خالىمايمىز، بىز دېگەن كولۇمبىيە پۇقراسى.»