تامىقى بەك ئاز ئادەم ئاسانلا قەۋزىيەت بولىدۇ
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 17:28

نۇرغۇن ئادەم يېمەكلىك تالاسىنىڭ قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە يېمەكلىك ئومۇمىي مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمىسا، ئاقسىل ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار ئازىيىپ ئادەم قەۋزىيەت بولۇپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بولمىسا بولمايدۇ، ئۈچەينىڭ نورمال ماددا ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىگىمۇ ئوزۇقلۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ. تامىقى بەك ئاز ياكى تاماق ئورنىغا كۆكتات ۋە مېۋە يېگەنلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىن ئاسان چاتاق چىقىدۇ، ئوڭاي قەۋزىيەت بولىدۇ.