يەللىك بوغۇم ئاغرىقلىرى تاماق يىگەندە...
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-23 17:20

قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش بىلەن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى يېمەك –ئىچمەك ئادىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، بۇ خىل كېسىلى بارلارغا نىسبەتەن يېمەك-ئىچمەكنى كونتىرول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.

پۇرىنلىق يېمەكلىكلەر: يەللىك بوغۇم ئاغرىقى پۇرىن مېتابولىزىمى قالايمىقانلىشىش ياكى ئورېيە كىسلاتاسى ئازىيىشتىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭا ھايۋاننىڭ ئىچكى ئەزاسى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىدىن پەرھىز تۇتۇش بىلەن بىللە، كالا گۆشى، قوي گۆشى،بېلىق قاتارلىق پۇرىنلىق يېمەكلىك بىلەن تەركىبىدە فىرۇكتوزا، ساخاروزا كۆپ يېمەكلىك ھەم ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

ياغسىز ياكى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى: ياغسىز ياكى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاندىكى ئورېيە كىسلاتاسىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىشىنى توسۇيدۇ، شۇڭا ياغسىز ياكى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت مەھسۇلاتىدىن كۈندە 300 مىللىلىتىر ئېچىپ بەرسە پايدىسى بولىدۇ؛ ئەگەر قان ياغلىشىش قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر بولمىسا، كۈندە بىر تۇخۇم يېسە؛ شۇنداقلا گىلاس، بۆلجۈگەن، ئاناناس، تاۋۇز، شاپتۇلنى كۆپ يەپ، ھەركۈنى 2000 مىللىلىتىر سۇ ئىچسە بولىدۇ؛ قەھۋەنىڭ يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولغاچقا، بەزىدە قەھۋە ئىچىشنىڭمۇ زىيىنى يوق.