پىياز ئىستېمال قىلغاندا بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىش
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-24 09:39

1. قاراڭغۇ جايدا ساقلاش كېرەك.

پىياز سېتىۋالغاندا، قولىدا دەڭسىگەندە ئېغىرراق، پوستى قۇرغاق، چىڭ، بۇزۇلمىغان، پۇرىمايدىغان پىيازلارنى سېتىۋىلىش؛ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، قۇرغاق، قاراڭغۇ ھەم شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولغان جايدا ساقلاش كېرەك.

2. سۇس ئوتتا قىزدۇرغاندا تېخىمۇ پۇراقلىق بولىدۇ.

پىياز سۇس ئوتتا قىزدۇرغاندا، قورۇمىلارنى تېخىمۇ پۇراقلىق قىلىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: قازانغا ئازىراق ماي قويۇپ، توغرالغان پىيازنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قىزدۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن پىيازنىڭ تەركىبىدىكى قەنت ئاستا-ئاستا پارچىلىنىدۇ.

3. خام پىياز ساقلىقنى ساقلايدۇ.

خام پىيازنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق دەل مۇشۇ كۈچلۈك پۇراق ماددا راكقا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن پىيازنى كۆپ ھاللاردا خام ياكى سالات قىلىپ يېسىڭىز بولىدۇ.

4. سالات ئېغىزدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتالايدۇ.

پىياز يېگەندىن كېيىن ئېغىزدا غەيرىي پۇراق قالىدۇ، ئېغىزنى چوتكىلىسىمۇ پۇراقنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. بۇ چاغدا سالات يېيىش ئارقىلىق غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىملار پىياز تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرىنى نېيتراللاپ، ئېغىزدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.