شىۋېتسارىيەنىڭ Rinspeed Snap ئۇقۇم ئاپتوموبىلى نامايان بولدى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 17:19

2018-يىللىق ئىستېمال ئېلېكترون كۆرگەزمىسىدە شىۋېتسارىيە لايىھە شىركىتى Rinspeed قارمىقىدىكى ئەڭ يېڭى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئۇقۇم ئاپتوموبىلى Rinspeed Snap رەسىمىي نامايان بولدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپتوموبىل Rinspeed تەتقىق قىلىپ چىققان 24-ئۇقۇم ئاپتوموبىل بولۇپ، ئۆزگىچە تەگلىك ۋە ئولتۇرۇش بۆلمىسى ئايرىۋېتىلگەن لايىھە قوللىنىلغان، كۆپ خىل ئىقتىدارىنى قوللىنىشنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە ھەم كەلگۈسى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان دەۋردىكى سەپەرگە چىقىش ئىدىيەسىنى كۆرسىتىپ بەردى.

Rinspeed Snap ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنىڭ تاشقى قىياپەت ياسىلىش تىپى ئىنتايىن خاسلاشقان، ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان، بىر قىسىمى يۇقىرى سۈركۈشكە چىداملىق ماتېرىيالدىن ياسالغان سىيرىلىش تاختىسى تىپىدىكى تەگلىك بولۇپ، ھەرىكەت كۈچى مۇجەسسسىمى ۋە باشقا قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ئورنىتىلغان؛ باشقا بىر قىسىمى بولسا يولۇچىلار بىخەتەر بۆلمىسى. بۇ ئىككى قىسىمىنى ئاجرىتىش ئاسان، يولۇچىلار بۆلمىسى قىسىمىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن دالا ئاپتوموبىل ئۆيى ياكى كۆچمە دۇكان قىلىشقا بولىدۇ.

Snap ئولتۇرۇش بۆلمىسىغا ھەقىقىي خۇرۇملۇق ئورۇندۇق، سىمسىز توك قاچىلاش سىستېمىسى ھەمدە كۆپلىگەن مېدىيا چەكمە كونترول ئېكران سەپلەنگەن، ھەربىر يولۇچى ئۈچ ئېكراننى ئىشلىتەلەيدۇ. لازېر نۇرلۇق رادار سېنزورىلىق تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان سىستېما قوللىنىلغاندىن سىرت، Snapنىڭ ئاپتوموبىل ئىچى يۇمشاق دېتالى يەنە «شەخسىي ياردەمچى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شەخسىي تەڭشەكنى ئەستە ساقلايدۇ، خىزمەت بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئاشخانا تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇش قاتارلىقلارنى قىلالايدۇ. ئىگىلىنىشچە، Snap ئاپتوموبىلىغا ZF تەمىنلىگەن توكلۇق ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى سىستېمىسى ۋە ئىككى يۆلىنىشنى ئۆزگەرتىش ئوقى تەمىنلەنگەن ھەمدە رازمېرى 225/35 R18لىق چاق سەپلەنگەن.