پولشادىن 400 يىللىق تارىخقا ئىگە «ئالتۇن خەزىنىسى» بايقالدى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 17:20

brinkwireنىڭ 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئارخېئولوگلار پولشانىڭ شىمالىدىكى كاتولىك دىنى چېركاۋىدىن ھەقىقىي «ئالتۇن خەزىنىسى»دىن بىرنى بايقىغان بولۇپ، بۇ جايدا 500گە يېقىن ئالتۇن پۇل ۋە 200 دانە ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بار ئىدى، 17-ئەسىرگە تەۋە بۇ خەزىنىدىكى بايلىقلارنىڭ قىممىتىنىڭ بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن ئالتە مىليون يۈەندىن كۆپرەك) ئاشىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى.

ئارخېئولوگ روبېرت گىروكىسكى: «10 سانتىمېتىر چوڭقۇرلۇقتىن تەخمىنەن 700 دانە بۇيۇم تاپتۇق. بۇلارنىڭ 480ى ئالتۇن تەڭگە، 200ى ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ئىدى، ئۈزۈك، مېدالىيون، كىرىست، زەنجىر قاتارلىقلار بار ئىدى» دېدى. بۇ ساقلانمىلار 1652-يىلى شىۋېتسىيە پولشاغا بېسىپ كىرگەندە يوشۇرۇۋېلىنغان، ئاخىرىدا چېركاۋ پولىنىڭ ئاستىدىكى پاناھلىنىش ئورنىدىن كولاپ چىقىرىۋېلىنغانىدى.

روبېرت بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر ياغاچ ساندۇققا قاچىلاقلىق ئىكەنلىكى، يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقىنىغا تۆت ئەسىر بولغانلىقى، ساندۇقلار چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل ساقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولشا تاراتقۇلىرى بۇ ساقلانمىلارنى بايقاشنىڭ قالتىس ئىش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئارخېئولوگلار نۆۋەتتە بۇ نەرسىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، تەتقىقات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن پولشادىكى «ياۋروپا ماللىرى مەركىزى» مۇزېيىدا ساقلىنىدۇ.