ئالىملار ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈشكە بولىدىغان مىكرو ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 17:26

چەتئەل تاراتقۇسى BGR نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بوستون بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى تەتقىقاتچى خادىملار ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرۈشكە بولىدىغان مىكرو تىپلىق ماشىنا ئادەم تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل ماشىنا ئادەمنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن ئەزالارنى سوزۇپ كېڭەيتەلەيدىكەن، شۇنداقلا يەنە توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىكەن. بۇ خىل مىكرو ماشىنا ئادەم ئاللىقاچان ھايۋانات تېنىدە سىناق قىلىنغان. بۇ ماشىنا ئادەم قىزىلۆڭگەچ قاتارلىق ئەزالارنى سوزۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىكەن.

سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچ، بۇ سىستېما قىزىلۆڭگەچنى %75 ئۇزارتالايدىكەن، بۇ ماشىنا ئادەمنى ئىشلەتكەن چاغدا ھايۋاناتلارنى ناركوز قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. بۇ تەتقىقات ماقالىسى «ئىلىم پەن ۋە ماشىنا ئادەم» ژورنىلىغا بېسىلغان.

ئۇنۆۋەتتە قىزىل ئۆڭگەچنى ئۇزارتىشتا قوللىنىدىغان ئومۇملاشقان داۋالاش ئۇسۇلى بولسا ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىدۇر. ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىدا بەلكىم ھەر خىل ئاۋارىچىلىقلار كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، بۇ جەرياندا بىمار چوقۇم بەلگىلەنگەن دائىرىدە نەپەسلىنىشى زۆرۈر. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نەچچە ھەپتىگە سوزۇلغان دورىنى توختىتىپ كۆزىتىش باسقۇچى بولىدۇ.

يۇقىرىقى ئۇسۇل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل ماشىنا ئادەم سىستېمىسى ئارقىلىق داۋالىغاندا بىمارنى ناركوز قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىمار خالىغانچە ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە. سىناق جەريانىدا تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ دىيىشىچە، مىكرو ماشىنا ئادەمنى تەڭشەش ئارقىلىق بىمارلاردا كۆرىلىدىغان بىئاراملىق تۇيغۇسىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن. ھايۋانلاردا سىناق قىلىنغان چاغدىمۇ، ھايۋانلاردا ھېچقانداق بىئارام بولۇش ئەھۋالى بايقالمىغان. ئەمما ئادەملەردە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چاغدا بۇ خىل ئۇسۇل يەنىمۇ ياخشىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

بوستون بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ دوكتورى تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان تەكشۈرگۈچى Russell Jennings چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:«بۇ تەتقىقات تۈرى مىكرو ماشىنا ئادەمنىڭ بەدەن ئىچىگە كىرگۈزۈلگەندە ئەزالارنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا يەنە نۆۋەتتىكى ئەڭ قىيىن بولۇۋاتقان قىزىل ئۆڭگەچ توسۇلۇپ قېلىش كېسىلى بىمارلىرىنى داۋالاشتا زۆرۈر بولىدىغان تىنچ مۇھىت ۋە ناركوز قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ خىل مىكرو ماشىنا ئادەمنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىشلىتىش ئورنى تېخى تولۇق دەلىللەنمىدى، ئەمما يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەزالارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».