شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئاپتوموبىلنى توسۇپ «يول ھەققى» ئالدى
مەنبەسى:نۇر تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 17:32

كانادا مانىتوبا ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا فوتوگراف كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بۇ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئۇ ئاپتوموبىلىنى قار-مۇزلۇق يولدا توختىتىشىغىلا، بۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان بىر شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئاپتوموبىلنىڭ يېنىغا كەلدى. قارىماققا خۇددى بۇ ئاپتوموبىلدىن يول ھەققى ئېلىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ.

شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ساياھەتچىنىڭ يولىنى توسقاندا، ساياھەتچى ئاپپاراتىنى تەييارلاپ بۇ شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان! (شوپۇر: مۇشۇ بىر پارچە سۈرەت يول ھەققىم بولۇپ قالسۇن!) مېنىڭچە: ئىنسانلارغا بۇنچە ئىشىنىدىغان ياۋايى ھايۋاندىن پەقەت شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقىلا بارمىكى.

ساياھەتچىلەرنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى يەنە خۇددى رېمونتچىلاردەك ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئاپتوموبىل چاقىنىمۇ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن: ئاپپاراتنى يېنىكلىك بىلەن ئۇنىڭغا توغرىلىماڭ، ئۇ ناھايىتى ساددا! بىز ئۇنىڭ ياخشى مۇئامىلىگە ئۇچرىشىنى، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىنىڭ بەدىلىگە قەدىرلەش ۋە قوغدىلىشقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.