چاق ئوغرىسى ماشىنىنىڭ تۆت چاقىنى ئوغىرلاپ ئورنىغا خىش قويۇپ قويدى
0
2018-02-13 09:40:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

2-ئاينىڭ 1-كۈنى سەھەردە شېنياڭنىڭ بىر كوچىسىدا كۈندىكىدەك ئىشقا بېرىشقا تەييارلانغان جاڭ ئەپەندىم تۇيۇقسىز ماشىنىسىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

بىر ئوبدان ماشىنىنىڭ تۆت چاقى يوقاپ كەتكەن بولۇپ، چاقىنىڭ ئورنىدا تۆت تال خىش قويۇپ قويۇلغان.

ماشىنا چاقى يوق ئورۇندا بىر تال ماشىنا تاپان كۆتىكى قېلىپ قالغان، قارىغاندا ئوغرى ماشىنىنىڭ چاقىنى ئېلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن جابدۇقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.

  چاقى غايىب بولغان ماشىنىنى ھەيدىگىلى بولمىغاچقا، جاڭ ئەپەندىم شۇ زامان ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچىلار كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالغا ھۆكۈم قىلىشقا يەنىلا ئامال بولمىغان.

  جاڭ ئەپەندىم پەقەت يېقىن ئەتراپتىكى يولدىكى كامېراغا ئېلىۋېلىنغان سىن خاتىرىسىدىن ماشىنا ئوغىرلاش جەريانىنى كۆرۈپ ئوغرىنى قولغا چۈشۈرۈشنى ئۈمىد قىلغان. بولمىسا يېڭى چاق ئالماشتۇرغاندىن كېيىنمۇ قانداق خاتىرجەم بولالىسۇن؟

  تۆتنى ئوغىرلاپ بىرنى سوۋغا قىلغان تاپان كۆتىكى

  قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماشىنا چاقى

1122404918_1518391986499_title0h.jpg
企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png