ۋىليام ئەر-ئايال بالىلىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەيدۇ
0
2018-02-13 14:45:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

«قۇياش گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شاھزادە ۋىليام بىلەن خانىمى كەيت بالىلىرىنىڭ «توك ئارىلاشمىغان» بالىلىق مەزگىلىنى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، شاھزادە جورج بىلەن مەلىكە شارلوتنىڭ قىسمەن «ئويۇنچۇق»لار بىلەن ئۇچرىشىشنى چەكلىگەن. مەسىلەن، iPad قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ئۇلارنىڭ بالىلىق تۇرمۇشىدىن خېلىلا يىراق.

بۇ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر «ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويۇنچۇقى، بالىلار ئوينىسا بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ» دېدى، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشى. «شاھزادە ۋىليام بىلەن خانىم كەيتنىڭ بالىلىق دەۋىرىدىمۇ بۇ ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بولمىغاچقا، ئىككەيلەن ئەنئەنىۋى ئويۇنچۇق، ئۆي سىرتى ئويۇنى قاتارلىقلارنىڭ بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل دەپ قارايدۇ.

بۇلتۇر روژدېستۋو بايرىمىدا، شاھزادە جورج روژدېستۋو بوۋايغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ «ياخشى بالا» ئىكەنلىكىنى، بايراملىق سوۋغاتتا بىر ئويۇنچۇق ساقچى ماشىنىسى ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېيىن شاھزادە ۋىليام بۇ ئىش ھەققىدە سۆزلەپ، تۆت ياشلىق ئوغلىنىڭ روژدېستۋو بايراملىق سوۋغاتتا ئويۇنچۇق ساقچى ماشىنىسىغا ئېرىشىشنى ئەڭ ياخشى دەپ قارىغانلىقىدىن «قاتتىق ھاياجانلانغان»لىقىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر بىر قىسىم كىچىك بالىلار ناھايىتى بالدۇرلا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئۇچرىشىدۇ (مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپلا بىلىپ بولىدۇ) بۇ ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى بولغان ئۆي سىرتى پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ماس قەدەمدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. يەنە كېلىپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن يۇقىرى تېخنىكىلىق قونچاقنىڭ بالىلار پائالىيتىنى تىڭتىڭلاش سەتچىلىكىمۇ ئاشكارىلانغان. ئەلۋەتتە، شاھزادە ۋىليام بىلەن كېنەز خانىم كەيتنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىشى بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيىدۇ.

1122404918_1518391986499_title0h.jpg
企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png