يۇقۇرى قان بېسىم كېسىلى بىمارلىرى قىلسا بولمايدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتلەر
0
2018-02-13 14:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ھېچ سەۋەبسىزلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى كېسەللىك تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىدىن باشقا، يەنە ئاز بولمىغان كىشىلەر پەرۋا قىلمايدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ ھەرىكەتلەر دەل «يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى قىلسا بولمايدىغان خەتەرلىك ھەرىكەتلەر». يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بۇنىڭغا جەزمەن ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

1. تۇيۇقسىز كۈچىنىشتىن ساقلىنىش.

ئادەملەر تۇيۇقسىز كۈچىنىشلىك ھەرىكەت قىلغاندا، مۇسكۇللار چىڭىپ قان-تومۇرلار تارىيىدۇ، كەيپىيات جىددىيلىشىپ، پۈتۈن بەدەنلىك كۈچىنىش قاتارلىق فىزىيولوگىيەلىك ھادىسىلەر كۆرىلىدۇ. بەرداشلىق بېرىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ساغلام كىشىلەر ئۈچۈن بۇ ئانچە چوڭ ئىش ئەمەس. ئەگەر يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تۇيۇقسىز كۈچەنگەندە، ئانچە بەك كۈچىنىپ كەتمىگەن ياكى ئادەملەر بەرداشلىق بېرىش چىكى ئىچىدە بولسىمۇ، بەلكىم بۇ خىل تۇيۇقسىز فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگىرىشكە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇ سەۋەپتىن قان بېسىم شىددەت بىلەن ئۆرلەپ يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىشى ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى تۇيۇقسىز كۈچىنىشتىن ساقلىنىش، پەقەت بىر قىسىم يېنىك ۋە ئانچە كۈچەپ كەتمەيدىغان ھەرىكەتلەر ۋە خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا ساغلاملىق ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

2. ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتىنى ئىشلىمەسلىك كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بېرىشنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە تۇراقلىق ساقلاشقا ياردىمى بار. بىراق بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقىرى كۈچىنىشلىك ھەرىكەتلەردىن سىرت، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى، تېز سۈرئەتتە باش چايقاش ياكى سەكرەش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەشكە بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىش خەۋپى بار. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى سەيلە قىلىش، گىمناستىكا، تەيجى گۇمپىسى قاتارلىق تۆۋەن كۈچىنىشتىكى ھەرىكەتلەرنى ئىشلىسە مۇۋاپىق، ھەمدە ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئامال بار ھەرىكەت داۋامىدا ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن بەك چارچاپ كەتمىگىنى ياخشى.

3. بەك چىڭ كېلىدىغان ۋە ياقىسى چىڭ ئورنىتىلغان كىيىملەرنى كەيمەسلىك كېرەك.

يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئامال بار ئۆرە ياقىلىق كىيىملەر ۋە بەك چىڭ كېلىدىغان كىيىملەرنى كەيمەسلىكى كېرەك. بولمىسا ئۇزۇن مۇددەت بويۇن قان-تومۇرى بېسىلىپ، مېڭە قان-تومۇرلىرىغا قان يېتىشمەسلىك پەيدا قىلىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىگە ئوكسىگىن يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوڭايلا مېڭە ئارتىرىيە قېتىشىش بىمارلىرىدا كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى بويۇن قان-تومۇرلىرىنى ئازادە تۇتىدىغان كېيىملەرنى تاللاپ كىيىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا چوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىغا پايدىسى بولىدۇ.

4. دۈم يېتىشتىن ساقلىنىش.

بەزىلەر دۈم يېتىپ كىتاب ئوقۇشقا، تېلىۋىزور كۆرۈشكە ئامراق، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى يوق كىشىلەرگە بۇنىڭ ئانچە چوڭ تەسىرى بولمىغان بىلەن، يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئۈچۈن خەتىرى چوڭ. ئۇزۇن مۇددەت دۈم يېتىش قورساق قىسمىدىكى مۇسكۇللارنىڭ پائالىيىتىنى مۇئەييەن چەكتە چەكلەپ، چوڭقۇر نەپەس ئالغىلى بولمايدۇ-دە، قاندىكى ئوكسېگىن مىقدارى يېتىشمەيدۇ، مۇسكۇللار قىسقىراپ قان بېسىمنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوڭايلا مېڭە قان-تومۇرلىرى يېرىلىدۇ. شۇڭا يېشى نىسبەتەن چوڭ يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى دۈم يېتىپ كىتاب ئوقۇش، تېلىۋىزور كۆرۈش قاتارلىق ئادەتلىرىنى تاشلىشى كېرەك.

5. ئورۇندىن تۇرۇپلا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش.

كۆپلىگەن كىشىلەر ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن، بالكوندا ياكى سىرتلاردا بەلنى ئېگىش، زوڭزىيىش دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى ئويغانغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەت قىلسا، بىر قىسىم ئەزالار بولۇپمۇ مېڭە ۋە يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا يۈرەك مۇسكۇلغا قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرى پەقەت يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىشى كېرەك، مەسىلەن: سەيلە قىلىش، قولىنى چۆرۈش دېگەندەك. ئاستا-ئاستا ھەرىكەت مىقدارىنى كۆپەيتسە بولىدۇ.

6. تاماقنى تېز يېيىشتىن ساقلىنىش.

تاماقنى زىيادە تېز يېيىش سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق، بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، يۈرەك-مېڭە قان-تومۇر كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ. تاماقنى تەپسىلىي چايناپ يېگەندە، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرغىلى، مېڭە قان-تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇق سۈمۈرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا يېمەكلىك مىقدارىنى كونترول قىلىپ ۋە ئازايتىپ، زىيادە تاماقلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئوزۇقلۇقنىڭ بەدەندە توپلىنىپ ماي پەيدا قىلىش ۋە سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

1122468344_15198271455591n.jpg
企业微信截图_20180228141411.png
企业微信截图_20180228143853.png
企业微信截图_20180228141838.png