ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى ئاق قان كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭى ئۇسۇلنى بايقىدى
0
2018-03-11 13:48:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ماتېرىيال سۈرەت

3-ئاينىڭ 4- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، ياپونىيە تەتقىقاتچىلىرى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بىر خىل گېننىڭ تەجرىبە چاشقىنى تېنى ئىچىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى توسۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى، ئەگەردە بۇ خىل گېننى ئېلىۋەتكەندە ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەجرىبە چاشقىنى ساقىيىدىغانلىقىنى بايقىغان.

كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى، تەجرىبە چاشقىنىنىڭ تېنىدىكى «Sipal» دەپ ئاتىلىدىغان گېننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى توسۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار تەجرىبە چاشقىنىنىڭ تېنىدىن بۇ خىل گېننى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، چاشقاننىڭ تېنىگە سوزۇلما يىلىك خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلى ھۈجەيرىسىنى يۆتكىگەن، نەتىجىدە 100 تەجرىبە چاشقىنى 15 كۈندە پۈتۈنلەي ساقايغان، لېكىن بۇ خىل گېنى ئېلىۋېتىلمىگەن تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئاق قان كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

مەزكۇر تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل گېنى ئېلىۋېتىلگەن تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسى رولىنى جارى قىلدۇرغان بولۇپ، ئاق قان كېسىلى ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن. لېكىن ئاق قان كېسىلىنى داۋالىغىلى بولغان بىلەن ئەمما باشقا كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ بايقاشنىڭ ئاق قان كېسىلىنى داۋالايدىغان يېڭىچە دورىنى تەتقىق قىلىشقا ياردىمى بار ئىكەن. ئۇلار بۇ خىل گېننى ئېلىۋەتمەي تۇرۇپمۇ، دورا ئارقىلىق بۇ خىل گېننىڭ رولىنى كونترول قىلىپ، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تەتقىق قىلىدىكەن. بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئەنگلىيە «تەبىئەت . ئالاقە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg