ئۈندىداردىكى «قارشى تەرەپ خەت يېزىۋاتىدۇ...» دېگەن خەت مۇنداق ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ
0
2018-03-11 11:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بىز ئۈندىداردا پاراڭلاشقان ۋاقىتتا ھەمىشە «قارشى تەرەپ خەت يېزىۋاتىدۇ...» (对方正在输入) دېگەن خەتلەرنى ئۇچرىتىمىز، بولۇپمۇ ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئادەم بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا بۇ خەتلەر كۆرۈنسە بەكلا ھاياجانلىنىپ كېتىمىز. ئەمما دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، بەزى بۇ خەتلەر كۆرۈنگەندىن كېيىنلا ئۇچۇر كېلىدۇ، بەزىدە كۆرۈنمىسىمۇ ئوخشاشلا ئۇچۇر كېلىۋېرىدۇ. ئۇنداقتا بۇ خەت زادى قانداق ئەھۋالدا كۆرۈلىدۇ؟

ئۈندىداردا ئۇچۇر ئەۋەتىلىپ، قارشى تەرەپ تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئەگەر ئون سېكۇنت ئىچىدە پاراڭلىشىش كۆزنىكىدىكى خەت يېزىش ئورنىنى ئېچىپ، رامكىغا خەت كىرگۈزگەندە پەقەت بىرلا خەت كىرگۈزۈلسىمۇ، قارشى تەرەپ «ھازىر خەت يېزىۋاتىدۇ...» دېگەن ئەسكەرتمىنى كۆرەلەيدۇ.

شۇڭا ئەگەر پاراڭلىشىش جەريانىدا بۇ ئەسكەرتمە چىقمىسا، قارشى تەرەپ ئۇچۇر قايتۇرۇشنى تېخى ئالدىرىمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا كۆرۈلمەيدۇ

قارشى تەرەپ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ، ئون سېكونت ئىچىدە پاراڭلىشىش كۆزنىكىنى ئاچمىسا ياكى كۆزنەكنى ئاچقاندىن كېيىن خەت كىرگۈزمىسە (خەتنى چوقۇم پاراڭلىشىش كۆزنىكىگە كىرگۈزگەن بولۇشى كېرەك، خەت كىرگۈزگۈچنىڭ كاندىدات سۆزلەر رامكىسىغا كىرگۈزۈلسە چىقمايدۇ)، بۇ خىل ئەسكەرتمە كۆرۈنمەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا بىر تەرەپ كومپيۇتېردا ئۈندىدار ئاچقان ياكى ئىككىلا تەرەپنىڭ تورى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ چىقمايدۇ.

ئەڭ چاتاق ئېھتىماللىقى بولسا، قارشى تەرەپ ئۇچۇرىڭىزغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg