ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ناشتىلىقىغا نەزەر
0
2009-03-02 00:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

قورساققا ئامراق كىشىلەرگە نىسبەتەن، ساياھەتكە چىققاندا ئۆزى بارغان يەرنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنى تېتىپ بېقىش چوقۇم قىلىدىغان ئىش. ئۇنداقتا بىز بەزى دۆلەتلەرنىڭ ناشتىلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

تۈركىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: كۈنجۈت يىغى، پەمىدۇر قىيامى، زەيتۇن يېغى، تۇخۇم ۋە ئاچچىق گۆش قىيمىسى تۈركلەرنىڭ ناشتىلىقىدا كەم بولمايدۇ، تاماقنىڭ تۈرى كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق ناھايىتى يېيىشلىك.

ياپونىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: ياپونلۇقلارنىڭ ناشتىلىقىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلىدۇ، ئۇلار دېڭىز بويىغا يېقىن بولغاچقا، ناشتىلىقىدا گۈرۈچ ئاش، سالمون بېلىقى، شورپا ۋە چىلىغان كۆكتاتلار قاتارلىلار كام بولمايدۇ.

ئىرېلاندىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: ئىرېلاندىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى ناھايىتى مول، ئۇلارنىڭ ناشتىلىقى ئىرېلاندىيە قېزىسى، باكون، قارا پۇددىڭ، ئاق پۇددىڭ، تۇخۇم، قاقلانغان بەرەڭگە، ئىرېلاندىيە پۇرچىقى، ئاقمۇچ، سېرىق ماي، كۈنجۈت قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: Vegemite ئاۋستىرالىيەلىكلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قىيام، ئۇنىڭدا ۋىتامىن B ناھايىتى مول، شۇڭا ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقىدا شۇ قىيام بىلەن بولكا كەم بولمايدۇ.

بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقىدا كۈنجۈتلۈك بولكا كەم بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋە، سۈت ۋە مېۋە شەربەتلىرى بار.

ئالياسكىلىقلارنىڭ ناشتىلىقى: ئالياسكىلىقلار ناشتىلىقىغا نېپىز بولكا ئارىسىغا بۇغا گۆشى ۋە تۇخۇم قوشۇپ يەيدۇ.

پولشالىقلارنىڭ ناشتىلىقى: پولشالىقلار ئادەتتە ناشتىدا قېزا قەلەمچىسى، قورۇلغان تۇخۇم ۋە بەرەڭگە قازان قاتلىمىسى يەيدۇ.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ ناشتىلىقى: ئامېرىكىلىقلار ناشتىلىقىغا ئوزۇقلۇقى مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەيدۇ، ئۇلارنىڭ ناشتىلىقىدا تۇخۇم پوشكىلى ۋە بولكا كەم بولمايدۇ.

ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى قېزا، سۈرلەنگەن گۆش، پەمىدۇر قىيامى، پۇرچاق، تۇخۇم، بولكا، قاقلانغان پەمىدۇر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ

ئىتالىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: ئىتالىيەنىڭ «تاماق شاھلىقى» دېگەن نامى بار، بىراق ئۇلارنىڭ ناشتىلىقى ناھايىتى ئاددىي، يەنى بولكا ۋە بىر ئىستاكان قەھۋە.

فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: فىرانسىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى بولكا، سۈرلەنگەن گۆش، سۈت، مېۋە شەربىتى، قەھۋە ۋە ھەسەل قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى ھەرخىل بولكا، ھەرخىل ئىرىمچىك، مېۋە قىيامى ۋە سېرىق مايدىن تەركىب تاپىدۇ.

ھىندىستانلىقلارنىڭ ناشتىلىقى: ھىندىستانلىقلار ناشتىلىقىغا كۇررى، قاقلانغان بولكا، پۇرچاق بولكىسى، گۈرۈچ قاتلىمىسى ۋە ئاچچىق بەرەڭگە قاتارلىقلارنى يەيدۇ.

شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى: شىۋېتسىيەلىكلەرنىڭ ناشتىلىقى ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇلار ناشتىلىقتا قېتىق، سۈت، مېۋە قېقى، سېرىق ماي، پىشلاق، بولكا، مېۋە شەربىتى، مېۋە قىيامى، سۈرلەنگەن گۆش، تەرخەمەك، سەۋزە، پەمىدۇر قاتارلىقلارنى يەيدۇ.

جۇڭگولۇقلارنىڭ ناشتىلىقى: جۇڭگولۇقلار ئادەتتە ناشتىلىقتا پىلتە قۇيماق، پۇرچاق سۈتى، قاتلىما، كىچىك قاسقان مانتىسى قاتارلىقلارنى يەيدۇ.