دۇنيادىكى ئەڭ ئاچچىق قىزىلمۇچنى يېيىشكە پېتىنالامسىز؟
0
2018-03-12 00:00:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

 

جۇڭگونىڭ بىر قىسىم ئۆلكىلىرىدە قىزىلمۇچ يېيىش ناھايىتى ئومۇملاشقان. ئاساسەن ھەر ۋاقلىق تاماقتا قىزىلمۇچ كەم بولسا بولمايدۇ، لېكىن مۇچ يېيىشكە كۆنگەن شۇ كىشىلەرمۇ جىننېس رېكورتىنى باھالاش كومىتېتى «دۇنيادىكى ئەڭ ئاچچىق قىزىلمۇچ» دەپ باھالىغان تۆۋەندىكى قىزىلمۇچنى يېيىشكە پېتىنالىشى ناتايىن. بۇ خىل قىزىلمۇچ ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ مىلبۇرگ دېگەن يېرىدە ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇ خىل مۇچنى «ئەزرائىل قىزىلمۇچى» دەپ ئاتىشىدۇ.

بۇ خىل قىزىلمۇچنىڭ سىرتقى شەكلى ئادەتتىكى پانۇس مۇچقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پانۇس مۇچنىڭ ئازراق تاتلىق تەمى بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، لېكىن بۇ خىل مۇچنىڭ تەمىگە ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەملەر بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئىچىمۇ باشقا مۇچلاردىن پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بۇ مۇچنى ساتىدىغان جايلاردا مەخسۇس تاختاي تىكلەپ قويىدىغان بولۇپ، خېرىدارلارنى پەلەي كىيمەي تۇرۇپ مۇچنى تۇتماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

بەك ئاچچىق يېيەلەيدىغان بىر قىسىم پىدائىيلار ئىلگىرى بۇ خىل مۇچقا جەڭ ئېلان قىلىپ باققان. بۇ ئايالنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مۇچنى ئاغزىغا سالغان پەيتتە خېلى يامان ئەمەس بىلىنگەن، لېكىن نەچچە سېكۇنتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئاغزىدا ئوت كۆيۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بولغان.

بۇ ئەرمۇ بۇ مۇچقا جەڭ ئېلان قىلىپ باققان، نەتىجىدە ئاغزىغا سالغاندىن كېيىنلا كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ كەتكەن، ئۇزۇنغىچە توختىماي سۇ ئىچكەن.

بۇ قىزىلمۇچمۇ ئادەمنىڭ ئاغزىغا كىرگەن پەيتتىلا ئۇنچە ئاچچىق بولۇپ كەتمەيدۇ، ھەتتا ئازراق تاتلىق تەمىمۇ بار، لېكىن بىر ئازدىن كېيىن چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ. شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل قىزىلمۇچنى ھازىرغىچە بىرەرسى كۈلۈپ تۇرۇپ يەپ باقمىغان ئىكەن، بۇ خىل قىزىلمۇچ شۇنداق ئاچچىق بولغاچقا سېتىلىش باھاسى ئادەتتىكى قىزىلمۇچتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولسىمۇ يەنىلا ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىكەن.

 

企业微信截图_20180310144121.png
W020180309338363099439.jpg