نېيمارنىڭ مۇسابىقە كىيىمى 240 مىڭ ياۋروغا كىم ئارتۇق قىلىندى
0
2018-05-16 13:59:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

15-ماي كەچتە پارىژ سانت گېرمان فوندى جەمئىيىتى ئەنئەنىۋى خەير-ساخاۋەت كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، پارىژ سانت گېرماننىڭ داڭدار توپچىسى نېيمارنىڭ بىر قۇر مۇسابىقە كىيىمى 240 مىڭ ياۋروغا كىم ئارتۇق قىلىنىپ سېتىلغان.

بۇ نېيمارنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلۇپ تۇنجى قېتىم كىيگەن مۇسابىقە كىيىمى بولۇپ، لاگاردېر گۇرۇھىنىڭ غوجايىنى ئارنولد لاگاردېر 240 مىڭ ياۋرو بىلەن بۇ مۇسابىقە كىيىمىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە 120 مىڭ ياۋرو بىلەن شاھزادە باغچىسى مەيدانىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ توپ باشلاش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان بولۇپ، 240 مىڭ ياۋرو بىلەن نېيمار يېقىندا ئېرىشكەن يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپات لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.

ئارنولد بۇ پائالىيەتكە ئۆزى يالغۇز قاتناشمىغان بولۇپ، ئۇ يەنە 30 دوستىنى تەكلىپ قىلغان، ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ كىم ئارتۇق قىلىش ئارقىلىق 400 مىڭ ياۋرولۇق بويۇمغا ئېرىشكەن.

چوڭ بايلاردىن باشقا، پارىژ سانت گېرماننىڭ توپچىلىرىمۇ كىم ئارتۇق قىلىشقا قاتناشقان بولۇپ، مىباپپې 550 مىڭ ياۋرو بىلەن فرانسىيەلىك داڭلىق ھەيكەلتاراش ئورلىنسكىنىڭ بىر ھەيكىلىگە ئېرىشكەن. مۇنىئېرمۇ 12 مىڭ ياۋرو بىلەن كىم ئارتۇق قىلىنغان بۇيۇمغا ئېرىشكەن. كاۋانىنىڭ مۇسابىقىدە كىيگەن بىر جۈپ بوتىسى 15 مىڭ ياۋروغا كىم ئارتۇق قىلىنغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىم ئارتۇق قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن مېھمانلار 1000 ياۋروغا «ئىشىك بېلىتى» سېتىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق كىم ئارتۇق قىلىش پائالىيىتىدە جەمئىي بىر مىليون 640 مىڭ ياۋرو يىغىلغان.

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg