ياپونىيەدىكى يەتتە چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ 2017- يىللىق تىجارەت ئەھۋالى
0
2018-05-16 13:49:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

بۇ يىل 14- مايغا قەدەر ياپونىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ 2017- يىللىق (2017- يىلى 4- ئايدىن 2018- يىلى 3- ئايغىچە) بىرلەشمە مالىيە دوكلاتى چىقىپ بولدى. تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى، نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتى ۋە خوندا ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ سېتىش ساپ پايدا نىسبىتى (بەش يىللىق ئوتتۇرىچە قىممەت) %6.2كە يەتتى، لايىھەلەش، تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئۈنۈمدارلىق پايدا ئېشىشنى يېتەكلىدى. ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە پارچە زاپچاسنى ھەممىبابلاشتۇرۇش جەھەتتە، ياپونىيە ئاپتوموبىل كارخانىلىرى تەننەرخنى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۆۋەنلەتتى. تويوتا، خوندانىڭ ساپ پايدىسى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى ياراتتى، ئەمما ئاپتوموبىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ سالاھىيەتسىز ئىشقا چىقىش مەسىلىسى ئاشكارىلانغانلىقتىن، نىسسان ۋە سۇبارۇ ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ تىجارەت پايدىسى ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا تەڭلا تۆۋەنلىدى. تۆۋەندىكىسى ھەر قايسى چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىغا ئائىت كونكرېت سانلىق مەلۇماتلار:

تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: 29 تىرىليون 379 مىليارد 500 مىليون يىن

تىجارەت كىرىمى: ئىككى تىرىليون 399 مىليارد 800 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: ئىككى تىرىليون 493 مىليارد 900 مىليون يىن

خوندا ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: 15 تىرىليون 361 مىليارد 100 مىليون يىن

تىجارەت كىرىمى: 833 مىليارد 500 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: بىر تىرىليون 59 مىليارد 300 مىليون يىن

نىسسان ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: 11 تىرىليون 951 مىليارد 200 مىليون يىن

تىجارەت كىرىمى: 574 مىليارد 800 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: 746 مىليارد 900 مىليون يىن

سۇزۇكى ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: ئۈچ تىرىليون 757 مىليارد 200 مىليون يىن

تىجارەت كىرىمى: 374 مىليارد 200 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: 215 مىليارد 700 مىليون يىن

مازدا ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: ئۈچ تىرىليون 474 مىليارد يىن

تىجارەت كىرىمى: 146 مىليارد 400 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: 172 مىليارد 100 مىليون يىن

سۇبارۇ ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: ئۈچ تىرىليون 405 مىليارد 200 مىليون يىن

تىجارەت كىرىمى: 379 مىليارد 400 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: 220 مىليارد 400 مىليون يىن

مىتسۇبىشى ئاپتوموبىل شىركىتى

ساپ سېتىش سوممىسى: ئىككى تىرىليون 192 مىليارد 400 مىليون يىن

تىجارەت كىرىمى: 98 مىليارد 200 مىليون يىن

ساپ پايدىسى: 107 مىليارد 600 مىليون يىن

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg