خەلقئارا ئائىلە كۈنى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ ئائىلىلەرگە نەزەر
0
2018-05-16 15:34:00
|
مەنبەسى:نۇر تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا تۇرىدىغان رېبەك (Reback) ئەر-ئايالنىڭ 16 بالىسى بار.

ھىندىستاننىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان مىزورام ئىشتاتىنىڭ بىر كەنتىدىكى بىر ئائىلىدە 181 ئادەم بار. ئۇلار بىر بىنادا تۇرىدۇ. 67 ياشلىق زىيونا بۇ ئائىلىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭ 39 ئايالى، 94 بالىسى، 14 كېلىنى، 40 نەچچە نەۋرىسى بار. ئۇنىڭ بەزى ئوغۇللىرى توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ دادىسى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتىدۇ.

ئەنگىلىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئائىلە رەدفورد (Radford) ئائىلىسىگە يېڭى ئەزا، قىز بوۋاق خاللىي ئالفىيا بېئۇ (Hallie Alphia Beau) تۇغۇلغاندىن كېيىن 39 ياشلىق قالتىس ئانا سۇئې رەدفوردنىڭ بالىسى 18گە يەتتى. رەدفورد ئائىلىسى ئەنگىلىيەنىڭ لەنكەشېر ۋىلايىتى مورېكام شەھىرىدە بولكا دۇكىنى ئاچىدۇ، سودىسى ناھايىتى ياخشى. بۇ ئەر-ئايال بالىلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئادەتتىكى بالىلار پارۋانلىقىدىن بەھرلەنگەندىن باشقا ئارتۇق ھەپ تەلەپ قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ. 2017-يىلى سۇئې 17-بالىسىغا ھامىلدار بولغاندا ھامىلدارلىقىنىڭ 26-ھەپتىسى بويىدىن ئاجراپ كەتكەن.

لوندوندىكى 40 ياشلىق ئانا جوئاننې ۋاتسوننىڭ 14 بالىسى بار. بۇ چوڭ ئائىلىدىكى ئىككى قىزنىڭ ئۈچ بالىسى بار، 15 ياشلىق قىزى جورجىي 10-ئايدا يەڭگىيدۇ.

كۆپ قىسىم ئائىلىلەر بالىلىرىنى بېقىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتقاندا كەسون ئائىلىسى رېئاللىقتىكى «نورمىدىن ئارتۇق بالىلىق بولغان پارتىزانلار ئەترىتى»گە ئايلاندى، كەسون ئەپەندىنىڭ ئايالى 17-بالىسىغا ھامىلدار بولدى. ھازىر ئۇلارنىڭ توققۇز ئوغلى، يەتتە قىزى بار، ئەڭ چوڭى 23 ياش. كەسون ئەر-ئايال 20 بالىلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

1122837268_1526388183867_title0h.jpg
1122837267_1526388125507_title0h.jpg
U020180512497194297709.jpg
W020180512498444277329.jpg